ھىكمەتلىك 12جۇمىلە

2016-01-20 04:50:18 -0500
بۇ 12 جۈملە سۆز 12 مىلىيونغا يارايدۇ !

بىرىنچى جۈملە
باشقىلار تەرىپىدىن نەپرەتلەنگەن ئادەمنىڭ ئازابى بولمايدۇ ، لېكىن نەپرەت بىلەن ياشىغان ئادەم ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە قالىدۇ . شۇڭا ، ھېچكىمدىن نەپرەتلەنمەڭ .

ئىككىنچى جۈملە
تەقدىر كىتابقا ئوخشايدۇ ، سەل دىققەت قىلمىسىلا ۋاراقلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، بەك ئەستايىدىل ئوقۇۋەتسە كۆز ياشلىرىنى تۆكۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ .

ئۈچىنچى جۈملە
غەلىبە قازانغان ئادەم باشلىنىش نۇقتىسدا يەڭگەن ئەمەس ، بەلكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا يەڭگەن ئادەمدۇر .

تۆتىنچى جۈملە
شۇنچىلىك كېلىشكەن ، شۇنچىلىك چىرايلىق تۇرۇپ ئۆزى بىلمەسلىك يېقىملىقلىقتۇر . شۇنچىلىك پۇلى بار ، شۇنچىلىك تالانىتلىق تۇرۇپ باشقىلار بىلمىسە بۇ تەربىيە كۆرگەنلىكلىكتىندۇر .

بەشىنچى جۈملە
ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش مىجەزدىندۇر ، ئاچچىقىنى بېسىۋىلىش بولسا بىر خىل قابىلىيەتتۇر .

ئالتىنچى جۈملە
ئېغىزىڭىزنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ ، سۆز ئېغىزدىن چىقىشتىن بۇرۇن سىز ئۇنىڭ ئىگىسى ، چىققاندىن كېيىن ئۇ سىزنى باشقۇرىدۇ .

يەتتىنچى جۈملە
مۇھەببەت بولمىغان تۇرمۇش بىپايان قاقاسلىققا ئوخشايدۇ ، باشقىلارغا گۈل سوۋغا قىلغىنىڭىزدا پۇرىقى قولىڭىزدا قالىدۇ ، باشقىلارنى سۆيۈشنى ئۆگىنىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنى سۆيگىنىڭىزدۇر ، مۇھەببىتىڭىز بىلەن سەھەردىكى قۇياشتەك باشقىلارنىڭ قەلبىنى يورۇتۇشنى بىلىڭ .

سەككىزىنچى جۈملە
كۆپرەك باشقىلارنى چۈشىنىشنى ، ھۆرمەتلەشنى ، كەچۈرۈشنى ، مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىڭ ، كەڭ قورساقلىق بىر گۈزەل ئەخلاق ، دوستلىرىڭىزغا رەھمەت ئېيتىڭ ، ئۇلار سىزگە شۇنچە كۆپ ياردەملەرنى بەردى ؛ دۈشمەنلىرىڭىزگىمۇ رەھمەت ئېيتىڭ ، ئۇلار سىزگە قەيسەر بولۇشنى ئۆگەتتى .

توققۇزىنچى جۈملە
قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىڭ ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ غەم ئەھمىيەتسىز بەسلىشىشتىن باشلىنىدۇ ، بۇ دۇنيادا سىزگە يەتمەيدىغان ئادەملەر بار ، سىزدىن كۈچلۈك ئادەملەرمۇ شۇنچە نۇرغۇن ، سىز ئايىغىڭىز يوقلۇقىدىن زارلىنىۋاتقاندا ، باشقىلارغا قاراپ بېقىڭ ، بەزىلەرنىڭ ھەتتا پۇتىمۇ يوق ...

ئونىنچى جۈملە
ئەگەر دۈشمەنلىرىڭىز سىزنى خاپا قىلسا ، بۇ پەقەت سىزنىڭ ئۇنى يېڭىشكە ئىشەنچىڭىز يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ ، ئارقىڭىزغا قاراپ سىزنى تىللاۋاتقان ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . ئەگەر بىر ئىت سىزنى چىشلىگەن بولسا ، سىزمۇ ياندۇرۇپ ئۇنى چىشلەمسىز ؟ باشقىلارنىڭ تىللىشىغا ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمەڭ .

ئون بىرىنچى جۈملە
خىزمەتنى يۈك دەپ ئويلىماڭ ، ئاچچىقلاپ زارلانغاندىن ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلەنگىنىڭىز ياخشى ، سىز خىزمەتنى تۇرمۇش ۋە سەنئەت دەپ بىلگىنىڭىزدە ، ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئالالايسىز .

ئون ئىككىنچى جۈملە
ئادەم ياشىغان ھەر بىر كۈن ئۇنىڭ تەلىيىدۇر ، قەدىرلەش كېرەك ، كىشىلىك ھايات قىسقىغىنە نەچچە ئون يىل تۇرسا ئۆزىڭىزگە ئۇنچىلىك كۆپ پۇشايمانلارنى قالدۇرماڭ ، خوشال ئۆتسىڭىزمۇ بىر كۈن ، خاپا بولسىڭىزمۇ بىر كۈن ؛ ئىشلارنى بەك زىغىرلاپ كەتمەڭ شۇندىلا راھەت ئۆتەلەيسىز .
«Newer      Older»

----Comments(1)----
boghqam (@boghqam) | @ at 2016-07-22 13:25:
assalamu alaykum agina .maga mawu bikatnig kodini bahirlap biramsila

Back to home

Subscribe | Register | Login | N