يىگىت كۆڭلى1-قىسىم
2016-01-17 07:23:45 -0500
♚ 帅哥 ...:ئوغۇل18ياش، قىز 17ياشتا ئىدى.
ئۇلار بىر مەكتەپتە، ئوخشاش
سىنىپتا ئوقۇيتتى. ئوغۇل بالا
سىنىپتىكى كىچىك لۈكچەكلەردىن
بولۇپ كۈندە ئويۇن بىلەن كۈن
ئۆتكۈزەتتى. قىزچاق بولسا
سىنىپتىكى ئەلاچى=
ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ،
نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى ئىدى.
ئىمتاھاندا دائىم سىىنىپتىكى
بەشنىڭ قاتارىغا كىرەتتى. ئوغۇل
بالا ئىنتايىن قاملاشقان، گەرچە
ئۆگىنىشى ياخشى بولمىسىمۇ،
لېكىن ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى.
قىز ئوماق، چىقىشقاق بولغاچقا
سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا
ئامراق ئىدى. ئۇلار دوست ئىدى.
ئەمما ئوغۇل قىزنى ياخشى
كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىزغا
قانداق ھىسىياتتا ئىكەنلىكىنى
بىلمەيتتى. پەقەتلا ئۇنى تۇيۇقسز
كۆرگىسى كېلەتتى. تېخى بايا
كۆرگەن بولسىمۇ يەنىلا كۆرگىسى
كېلەتتى. دائىم تورغا چىقىپ
قىزنىڭ يورىمىغان باش سۆرىتىنى
كۆرۈپ توردىن چۈشۈپ كېتەتتى.
ئۇ دائىم قىزغا دىققەت قىلاتتى.
ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنى ياكى نېمە
دېيىشنى بىلەلمەيتتى......
قىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا،
ئۇنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولاتتى.
قىز خۇشال بولسا ئۇمۇ ئەگىشىپ
خۇشال بولاتتى. بەلكى ئوغۇل بالا
قىزنى چىن دىلىدىن ياخشى
كۆرۈپ قالغان بولسا كىرەك ...
قىز ئوغۇلنىڭ يېقىندىن بۇيانقى
ئۆزگىرىشىنى سەزدى.ئەمما
نىمىشقا بۇنداق بوپ قالغىنىنى
بىلمىدى.ئۇ:<<ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىش
بولغان ئوخشايدۇ،ۋاقىت ئۆتسە
ياخشى بوپ قالىدۇ>> دەپ
ئويلايتتى.ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئوغۇل بالا قىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ھىس قىلدى.دەرس ۋاقتىدا قىزغا قاراش ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ بولغان ئىدى. قىز يەنىلا چۈشەنمەيتتى. ھەر قېتىم ئوغۇل بالا يىراقتىكى مەنزىرىگە قاراپ ،كۆڭلىدە كۇرمىڭ قېتىم مەن سىزنى سۆيىمەن دېگەن بولسىمۇ،بىراق ئەپسۇس قىز ئاڭلىيالمايدۇ دە. بىر كۈنى ئاخشىمى ئوغۇل بالا سىنىپىدىكى دوستىغا تىلىفۇن قىلىۋېتىپ،قىزنىڭ نۇمۇرىنى بىلىپ قالىدۇ-دە،شۇنداق خۇشال بولغان ھالدا دوستى بىلەن خوشلىشىپ قىزنىڭ نۇمۇرىنى باسىدۇ. ‹‹ ۋەي››دېگەن ئاۋاز چىققاندىن كىيىن ئوغۇل تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ نىمە دىيىش كېرەكلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ قالىدۇ.قىز:<<كىمۇ؟>> ئوغۇل:<<پەرەز قىپ بېقىڭە>>،قىزچاق سىنىپىدىكى بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىنىڭ ئىسمىنى ئېيتتى.ئوغۇل بالا قىزنىڭ ئۆزىنى تاپالمىغانلىقىدىن بەكلا ئۈمۈتسىزلەندى.قىز:<<خې خې...نىمە،توغرا پەرەز قىپتىمەندە>>.ئوغۇل ھېلىقى ئوغۇل بالىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ قىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەكچى بولدى.قىز:<<بىرەر ئىش بارمىدى؟>> ئوغۇل:<<مەن.....مەن>>. قىز:<<مەن؟نىمە؟؟؟>> ئوغۇل:<<مەن......>> قىز:<<سىزگە نىم بولدى،زادى نىمە گېپىڭىز باتتى؟>> ئوغۇل:<<مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،قىز دوستۇم بولالامسىز؟؟>> قىز:<<ھە؟؟>> ئوغۇل:<<مەن ئەستايىدىللىق بىلەن دەۋاتىمەن،بولامدۇ؟>>. قىز:<<مەن ئويلىنىپ باقاي>> ئوغۇل:<<بولىدۇ،ئەمىسە 10مىنۇتتىن كىيىن تىلىفۇن قىلاي>>. قىز:<<ئە>>. 10مىنۇتتىن كىيىن ئوغۇل بالا يەنە قىزغا تىلىفۇن بەردى.ئوغۇل:<<قانداق،ئويلىشىپ بولدىڭىزمۇ؟>>. قىز:<<مېنىڭچە ئىككىمىز دوس بوپ ئۆتسەك ياخشىراقمىكى..>> ئوغۇل:<<راستىنلا مېنى قۇبۇل قىلالمامسىز؟ ھە،بوپتۇ ئەمىسە،مەنمۇ سىزنى زورلىماي،بىز يەنىلا ياخشى دوست،تىلىفۇننى قويۇۋەتتىم ھە.>> قىزچاق كارۋاتقا يۆلىىنىپ ياتقاچ ھېلىقى ئوغۇل بالىنى رەت قىلدىم،ئۇنىڭ چۇقۇم كۆڭلى يېرىم بولدى دېگەنلەرنى ئويلاپ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتى.
داۋامى بار . :
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N