يىگىت كۆڭلى2-قىسىم
2016-01-17 07:22:27 -0500
2قىسىم
دەل مۇشۇ چاغدىكى ئوغۇل بالا،پەقەتلا قىزنىڭ كىمنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلمەكچى ئىدى.ئەمما چاقچاقنى ھەددىدىن ئاشۇرۋەتتى-دە. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئوغۇل ئادىتىگە ئوخشاش دەرسكە باردى.دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن،قىز تۇيۇقسىز يۈزى قىزارغان ،ئاچچىقلانغان ھالەتتە ئوغۇل بالىنىڭ ئورنىغا بېرىپ ،ئوغۇل بالىغا بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن :<<سىزنىڭچە مۇشۇنداق قىلسا ياخشى بولامدىكەن؟>>دېگىنىچە كېتىپ قالدى.ئەسى ئىشتىن كېيىن قىزچاق دوستىدىن ھېلىقى نۇمۇرنىڭ ئوغۇلنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشنى ئۇقۇپتۇ. ئوغۇل جايىدا قېتىپ قالغاندەك ئولتۇرۇپ قاپتۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلگەنىدى.چاقچاقنىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلىكىنىمۇ بىلدى.ئەمما بەك كېچىككەنىدى.قىزچاق ئاچچىقلاپ قالدى.ئوغۇل بالىنىڭ سەۋەبىدىن نەچچە قېتىم يىغلىغانىدى. قىزچاقنىڭ ئوغۇل بالىغا گەپ قىلمىغىنىغىمۇ نەچچە كۈنچە بوپ قالدى.ھەتتا بىر ئېغىز ئەيىبلەيدىغان سۆزنىمۇ قىلمىدى.قارىغاندا قىزنىڭ كۆڭلى راستىنلا ئازار يېگەن ئوخشايدۇ.ئوغۇل جىددىيلەشتى،ئۆزىنى دائىم ئەيىبلەيتتى.قىزغا تىلىفۇن بەرسە قىزچاق تىلىفۇننى ئالمايتتى.ئوغۇل قىزچاققا ئۇچۇر يوللىدى:<<كەچۈرۈڭ،مەن راستىنلا قەستەن قىلمىغان ئىدىم.مەن سزدىن كەچۈرۈم سورايمەن،مېنى ئەپۇ قىلىڭ بولامدۇ؟>>.قىزچاق قايتۇرمىدى.ئوغۇل بالا نىيىتىدىن يانماي قىزغا يەنە ئۇچۇر يوللىدى،:<<مەن بىلىمەن،سىزنىڭ بەك ئاچچىقىڭىز كەلدى.ماڭا گەپ قىلماي تۇرىۋالماڭ بولامدۇ؟كەچۈرۈڭ،كەچۈرۈڭ،كەچۈرۈڭ،راستىنلا كەچۈرۈڭ.>>ئوغۇل بالا ساقلاشقا باشلىدى،خېلى ئۇزۇندىن كىيىن تىلىفۇن قوڭغۇرىقى سايرىدى.ئوغۇل بالا ئسەبىيلەشكىنىچە تىلىفۇننى ئالدى.دېگەندەك قىزدىن كەلگەن ئۇچۇر ئىدى.<<ئەگەر بولمىغاندا ئۇنىڭغا گەپ قىلغانىدى.شۇ كۇندىن باشلاپ ئوغۇل بالا كۈندە قىزغا بىر پارچە ئۇچۇر يوللايتتى.قىزچاقنڭ كەچۈرۈشىنى ئۈمۈت قىلاتتى.قىزچاقنىڭ ئۇچۇر قايتۇرۇش قايتۇرماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۆزگىرىپ قالمايتتى.قىزچاق بولسا كۈندە بىر تال ئوغۇل بالا ئەۋەتكەن ئۇچۇر تاپشۇرۋالاتتى.نىمىلا ئىش بولىشىدىن قەتىينەزەر يەنىلا ئۆزگەرمەيتتى. ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتتى.ئاستا-ئاستا قىزچاق بۇنداق تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالدى.كۇندە بىر تال <<مېنى كەچۈرۈڭ>>مەزمۇنىدىكى ئۇچۇر تاپشۇرۋېلىشقا ئادەتلەنگەنىدى.بەلكىم ئوغۇل بالىنىڭ بارلىقىغا كۆنۈپ قالغان بولسا كېرەك.
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N