يىگىت كۆڭلى3-قىسىم
2016-01-17 07:21:15 -0500
3-قىسىم
بىر كۈنى ئوغۇل بالا دەرسكە قاتناشمىدى.ئەمما قىزچاق ئوخشاشلا ئۇچۇر تاپشۇرۋالدى،شۇڭلاشقا قىزچاقمۇ كۆپ ئويلاپ كەتمىدى.ئەمما ئارقىدىن ئۇلاپلا ئوغۇل بالا ئككى ھەپتە مەكتەپكە كەلمىدى.قىزچاق ئوغۇل بالا يوق كۈنلەرنىڭ ئىنتايىن زىرىكىشلىك،مەنىسىز ئكەنلىكىنى ھىس قىلدى.خۇددى پۈتۈن دۇنيا رەڭگىنى يوقىتىپ قويغاندەكلا ھىسىياتقا كېلىپ قالدى.ئوغۇل بالىنىڭ ئۇچۇرۇىنى تاپشۇرۋالسىمۇ،ئوغۇل بالىنى كۆرەلمەي تەنھالىق يالغۇزلۇق ھىس قىلاتتى. ئۇ ئالدىراپلا ئوغۇل بالىغا تىلىفۇن بەردى،ئەمما ئالىدىغان ئادەم يوق.شۇنىڭ بىلەن قىز ئۇچۇر يوللىدى:<<سىز نەدە؟نىمە بولدىڭىز؟نىمىشقا مەكتەپكە كەلمەيسىز؟دەرسكە قاتناشمايسىز ؟>>ئوغۇل بالا خېلى ئۇزۇنغىچە جاۋاپ قايتۇرمىدى.قىز مانا ئەمدى باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلاش ئۈچۈن قانچىلىك زور غەيرەت سەۋىرچانلىقنىڭ كېتىدىغانلىقىنى بىلدى.ئۇنداق بولغاندا ئوغۇل بالىنىڭ كۇندە ئاشۇ،قىز قايتۇرمايدىغان ئۇچۇرنى قانچىلىك تەستە ساقلايدىغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى. كەچ بولغاندا قىز ئاخىرى ئوغۇل بالا ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالدى.<<كەچۈرۈڭ،شۇنچە ئۇزۇن بولغاندا ئاندىن قايتۇردۇم،سىز چۇقۇم بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتكەنسىز-ھە!كەچۈرۈڭ،يېقىندىن بۇيان ئۆيدە ئازراق ئىش چىقىپ قالدى،شۇڭىلاشقا مەكتەپكە بارالمىدىم،سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟سىزنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى،شۇنداق سېغىندىم............>>.قىز يىغلىدى،ئۇ ئۆزىنىڭ نىمىشقا يىغلىغىنىنى،كىم ئۈچۈن يىغلىغىنىنى بىلمەيلا يىغلاپ كەتتى.مۇشۇنداق بىر ئوغۇل ئۇنىڭ ئۈچۈن....... يەنە مۇشۇنداق 10كۈن ئۆتتى.ئوغۇل بالا يوق بۇ ئون كۇندە،قىز ئاخىرى تاقەت قىلالماي ئوغۇل بالىنى ئىزدەشكە باشلىدى.چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلگەنىدى.قىزچاق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوغۇل بالىنى ئىزدىدى.ئوغۇل بالا بېرىشقا ئامراق جاي،دائىم ئازابلانغاندا بارىدىغان جاي،تولا بارىدىغان تورخانا،ئىشقىلىپ بېرىشقا تىگىشلىك جاينىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي ئىزدىدى.ئەمما ئەپسۇس،ئوغۇل بالىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى.قىزچاقنىڭ كۆڭلى ئوغۇل بالىغا بىرەر ئىش بولغاندەكلا تۇيغۇ بېرىۋاتاتتى. بىر ساۋاقدىشى قىزچاققا ئوغۇل بالىنىڭ سىڭلىسىنىڭ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.ناھايتى تېزلا قىزچاق ئوغۇل بالىنىڭ سىڭلىسىنى تاپتى.سىڭلىسىدىن ئوغۇل بالىنى سورىغاندا كىچىك قىز يىغلاپ كەتتى.ئۇ قىز يىغلىغىنىچە قىزچاققا:<<ماڭا ئەگىشىپ ئۆيگە بارسىڭىز ھەممىنى بىلىسىز>>دېدى.قىزچاق ئوغۇل بالىنىڭ سىڭلىسىغا ئەگىشىپ ئوغۇل بالىنىڭ ئۆيىگە كەلدى،ھەمدە ئوغۇل بالىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردى.ئوغۇل بالىنىڭ سىڭلىسى ئۈستەل تۆپىسىدىكى بىر پارچە خەتنى،ئاندىن سومكىسىدىن بىر يان تىلىفۇننى چىقىرىپ:<<مانا بۇلارنى سىزگە تاپشۇردۇم،>>دېگىنىچە كېتىپ قالدى. قىزچاق ئۈستەل ئالدىغا بېرىپ،قولى تىترىگىنىچە ھېلىقى خەتنى ئاچتى.
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N