يىگىت كۆڭلى4-قىسىم

2016-01-17 07:18:53 -0500
4-قىسىم
<<كەچۈرۈڭ،بۇندىن كېيىن ئەمدى سىزگە ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم.مەن دەرسكە قاتناشمىغان كۈنى مىجەزىم يوق دوختۇرغا كۆرۈنگەنىدىم،دوختۇر ماڭا مېنىڭ پەقەتلا بىر ئاي ۋاقتىم قالغانلىقىنى ئېيتتى. كەچۈرۈڭ،سىز ماڭا ئۇچۇر ئەۋەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىتتا قايتۇردۇم،ئەسلى مەن ئۇچۇرنى سىز ئەۋەتكەن ۋاقىتتىلا كۆرگەن ئىدىم،ئەمما ئادەتتا شۇنداق ئاسانلا باسىدىغان يانفۇن كونۇپكىسىنى،ھەرقانچا قىلىپمۇ باسالمايدىغان بوپ قالدىم.مەن شۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاخىرى خەتنى بېسىپ بولدۇم........كەچۈرۈڭ. ھېلىمۇ ياخشى مېنى كەچۈرمەپسىز،بولمىسا....خې خې...بىراق ھىچقىسى يوق!!مەن سىڭلىمغا مەن كەتكەندىن كىيىن كۇندە سىزگە ئۇچۇر يوللاپ قۇيۇشنى ئېيتىپ قويدۇم،ئەمدى ئۇچۇرغا كەلسەك،مەن ئالدىن بۇرۇن يېزىپ قويدۇم،كىيىن نىمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ،ھىچكىم بىلەلمەيدۇ ئەمەسمۇ؟؟خې خې...ماڭا كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماسلىققا ۋەدە بېرىڭ،مەن يوق كۈنلەردە خۇشال يۈرۈڭ جۇمۇ!! ئەسلى،مەن سىزنى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرگىلى ئىنتايىن ئۇزۇن بولدى،شۇ سىزگە دېيەلمىدىم،...ئەپسۇس،تېخى دىمەي تۇرۇپلا ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ قۇيدۇم،ئۇنىڭ ئۈستىگە جانغا زامىن بولغىدەكلا ئېغىر دەڭە. كەچۈرۈڭ مەن ئۇ ئىشنى راستىنلا قەستەن قىلمىغان،مەن پەقەت سىزنىڭ كىمنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى بىلگىم بارىدى،چۈنكى مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.........خې خې....ھازىر بۇلار مۇھىم ئەمەس.سىزچۇ،چۇقۇم سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ،ھاۋا سۇغىغاندا قېلىن كىيىنىڭ.......>> تىلىفۇننى ئېچىپ،ئۇچۇر ساندۇقىغا قارىغۇدەك بولسا،ئىچىدە توپتوغرا 435پارچە ئۇچۇر ساقلاغلىق ئىكەن!ھەممىسى قىزغا يېزىلغان ئۇچۇركەن...قىزچاق جايىدا روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئولتۇرۇپ قالدى،مۇشۇ پەيىتتە ئۇنىڭ يۇرىگىدىن قان ئېقىۋاتاتتى......./大哭/大哭/大哭
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N