ئوغرى يىگىت ۋە قارشىلىشىش پىسخكىسى1-قىسىم

2016-01-12 02:24:03 -0500
<<ئوغرى يىگىت ۋە قارشىلىشىش پىسخىكىسى>>
1-قىسىم…
مەن غۇجى ئالىم 19 ياش، مەن ئ‍ۆزۈمنى بىر ياۋايى بالا دېسەممۇ بولىدۇ.مەن سىلەرگە ئ‍ۆز بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەي .پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس !
(مەن بۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈشۈم ئ‍ۈچۈن، ئ‍اتام بىلەن،ئاكامنىڭ نەسىھىتىدىن باشلىشىم كېرەك)
ئاتامنىڭ ماڭا ،كىچىك ۋاقتىمدا دەيدىغان گەپلىرى:خەقنىڭ نەرسىسىنى ئالما،مەيخور بىلەن دوست بولما ، خەقكە ئ‍اتا-ئاناڭغا ئ‍ىشەنگەندەك ئ‍ىشەنمە، ئاددىيسى بىزمۇ سىنى ئ‍الدىغان، لېكىن ياخشى بولسۇن …ئ‍ۈچۈن.
چوڭ بولۇپ ھەممە گەپلىرىمنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىسەن، قەدرىگە يېتىسەن.ھازىرچە ساڭا مۇشۇ سۆزلىرىم يېتەرلىك ، ئ‍ەمەل قىلغايسەن ئوغلۇم!
قالغىنىنى بالاغەتكە يەتكەندە سۆزلەپ بېرىمەن…
بولدى ئ‍ۇخلا ئوغلۇم دەپ قويۇپ چىقىپ كەتسە ، ئ‍اتام نىمانچە تولا دەيدىغاندۇ بۇ گەپلەرنى دەپ غوتۇلداپمۇ قوياتتىم ،
ئ‍اتام:ئ‍اكامنى ماڭا قاراشقا قوياتتى، چۈنكى ئاكام ،ئاتامنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئىش قىلاتتى ، سىزغان سىزىقىدىن ئ‍ەسلا چىقمايتتى، ھەتتاكى ئ‍ۇنىڭ تويىمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشى بويىچە بولغان.
بەزىدە ئاكامغا ھەۋەس قىلىپ قالىمەن ، چۈنكى ئۇنى، مەن تونۇيدىغان ياش بالىلار ئ‍ارىسىدا ئ‍ەك ئ‍ېسىلى دەپ ئويلايمەن .
مەن كىچىكىمدىن تارتىپ باشقىلار توسقان ئ‍ىشنى قىلىشقا زىيادە كۆپ قىزىقاتتىم ،بەزى ئ‍ىشلارنى ھەتتا ئ‍اكامدىن يۇشۇرۇن قىلىپ باقماقچىمۇ بولغان ،
يېقىندا ئۆيدىكىلەر بىر قىزنى ساڭا ئ‍ېلىپ بېرىمىز دەپ خاپا قىلىپ، بەكلا كۆپ قارشىلىق كۆرسىتىپ
ئ‍اخىرى بىر ئ‍اماللار بىلەن قۇتۇلدۇم.
1-قىسىم تۈگىدى
داۋامى بار……
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N