ئوغرى يىگىت ۋە قارشىلىشىش پىسخكىسى2-قىسىم

2016-01-12 02:25:30 -0500

<<ئوغرى يىگىت ۋە قارشىلىشىش پىسخىكىسى>> 2-قىسىم… شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز بىلەن توي قىلمايدىغان بولۇپ كۆڭلۈم ئ‍ارامىغا چۈشكەن ئىدى ، ئ‍ۆيدىكىلەر يەنە بىر قىزنى سايە قىلشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقاندىكىن ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇراي دەپ ، ئۆيدىكىلەرنىڭ توسىغىنىغا قارىماي ئوقۇشقا چىقىۋالدىم . ئ‍ۇ قىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان تۇرسام دەپ ئويلايتتىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭمۇ ئ‍ۆز ئ‍الدىمغا تۇتقان يولۇم بار ، ئ‍ۆزۈمنىڭ سۆيگەن يارىم بار ئ‍ىدى. لېكىن ھازىر بىلىپ يەتتىم قارشىلىق ئ‍ادەمدە ئ‍ېشىپ كەتسە چاتاق چىقىدىكەن. قارشىلىق ئ‍اەتتە كىشىلەرنىڭ روھىيتىدە مەۋجۇت بولۇپ قالىدۇ ، كىشىلەر ئارىسىدا بولغان ئىشلارنى توغرا چۈشەنمەي كۆڭلىدە قارشى غوم ساقلاپ يۈرۈيدۇ.

قارشىلىق: خىيال بىلەن ئ‍ىپادىلىنىدۇ->خىيال داۋاملاشسا ->ھەركەتكە ئ‍ايلىنىدۇ، ->ھەركەت داۋاملاشسا ئادەتكە ئ‍ايلىنىدۇ، ->ئ‍ادەت داۋاملاشسا بۇ مىجەزگە، تەبىئەت كە سىڭىپ كىتىدۇ. ->بۇنداق مىجەز ئ‍ۆزگەرتىلمىسە ، تەقدىرگە تەسىر يەتكۈزىدۇ . ->ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئ‍الاقىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ، كىشىنىڭ قەلبىدىكى ئ‍وبرازىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . قېرىنداشلار بىلەن قارشىلاشتىڭىز: تايانچىڭىز كەتتى . دوستىڭىز بىلەن قارشىلاشتىڭىز : سىردىشىڭىز كەتتى. مۇھەببىتىڭىز بىلەن قارشىلاشتىڭىز : بەختىڭىز كەتتى . توغرا! دوست ئ‍ىزدىسىڭىز……ياراتقۇچى يېتىدۇ. لېكىن مۇشۇلار سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن بېرىلگەن نېئمەت لەر ئىدى . شۇڭلاشقا قېرىنداشلار سىلەردە مۇشۇ كىچىككىنە كەمچىلىك بوپ قالسا ، ۋاقتىدا تۈزۈتۈڭلار. يول قويۇشنى بىلىڭلار ، ئادەم تاغقا ئەمەس، تاشقا پۇتلاشقانلىقى ئۈچۈن ……بولىدۇ. قارشىلىق پىسخىكىسىنى ئ‍ۆلچەش سوئالىنى، ھېكايەمنىڭ ئ‍اخىرغا يازىمەن ، ياخشى پايدىلىنىڭلار… 2-قىسىم تۈگىدى. داۋامى بار ……

«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N