سىزئەر كىشىمۇ
2016-01-12 02:21:29 -0500
_ سىز ئەر كىشىمۇ؟
_ مەن ئەلۋەتتە ئەر كىشى.
_ سىز ئەرلىكىڭىزنى نېمە بىلەن ئىسپاتلايسىز؟ ئەرلىك گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرپ كۆپچىلىككە كۆرسىتەلەمسىز؟
ئەتراپتىكى كىشىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى، پويىز باشلىقى تۇرۇپ قالدىدە:
_ مەن چوپ-چوڭلا ئەركەك تۇرمامدىم مانا، بۇ يالغانمىتىيا؟
ياشانغان كىشى بېشىنى چايقاپ :
_ مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا گۇۋاھنامىنىلا تونۇيمەن، گۇۋاھنامىڭىز بولمىغاندىن كېيىن سىزنى قانداقمۇ ئەركىشى دېگىلى بولسۇن؟
پويىز باشلىقى دەمال بىر نېمە دېيەلمىدى، بۇ چاغدا ھېلىقى ئايال پويىز خادىمى بوۋايغا دېدى:
_ مانا مەن ئەكىشى ئەمەس، گېپىڭىز بولسا ماڭا دەڭ.
بوۋاي ئۇنىڭ بۇرنىغا قولىنى تەڭلەپ تۇرۇپ:
_ سىز ئەسلا ئادەم ئەمەس، _ دېدى. بۇ چاغدا پويىز خادىمى ئاچچىقتىن سەكرەپ كەتتى:
_ ئاغزىڭىزنى چايقىۋېتىپ گەپ قىلىڭ، ئېيتىڭە مەن ئادەم بولماي نېمە؟
بوۋاي ئىنتايىن تەمكىن ھالدا ئۇستىلىق بىلەن كۈلدىدەدېدى:
_ سىز ئادەم؟ ئۇنداقتا ئادەملىك گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭە كۆرۈپ باقايلى....
ئەتراپتىكلەر يەنە پاراققىدە كۈلۈشتى.
پەقەت بىرلا ئادەم كۈلمىدى، ئۇ بولسىمۇ پۇت ئالقىنىنىڭ يېرىمى يوق ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئىدى. ئۇ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا قاراپ ئۇۋالچىلىقتىنمۇ، مىننەتدارلىقتىنمۇ ياكى نەپرەتتىنمۇ ئەيتۋۇر قاچانلاردىن كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان ئىدى.
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N