قىممەت توغرۇلۇق ئويلار

2016-01-12 02:20:24 -0500
قىممەت توغۇرلۇق ئويلار
...
كىچىلىكلەر كۈندە بىردىن توغرا كەلگۈدەك بولۇپ كەتتى ، ناخشىچىلار ئالدىنئالا تەيديارلىۋالغان ناخشىنى سەھنىنىڭ ئوتتۇرىدا قولىغا مىكرافۇن تۇتىۋېلىپ ،ئىنجىقلاپ تۇرۇپ قويۇپ بىرىپ ئۈچ مىنۇتتا نەچچە مىڭ سوم ھەق ئالدى ، مۇئەللىمنىڭ مۇنبەردە ئوتتۇز كۈن ئىنجىقلاپ تۇرۇپ قىلغان ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۇنىڭ ئۈچ مىنۇتلۇق ناخشىسىنىڭ ھەققىگە تەڭ كەلمىدى ، شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم مۇنبەردىن جاق تويدى ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزىنى سەھنىگە ئاتار بولدى .ساپساپچىلىق بىلەن ئىجدىھاتلىق ئەمگەكنىڭ قىممىتى شۇنداق بولار بولدى.

مۇھەببەت دەپ توۋلار بولۇندى ،يىگىتلەرنىڭ ھاراق سورۇنىدىمۇ مۇھەببەتنىڭ گىپى ، ئىككى قىز بىر يەرگە كەلسىمۇ شۇ گەپ ،باشلانغۇچتىكى باللار ساۋادى چىقىشتىن بۇرۇن مۇھەببەت تۇتىۋېلىشار بولۇشتى ، بۇرۇن ساداقىتى بىلەن پەخىرلىنىدىغان مۇھەببەت ئەمدى سانى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بولۇندى، ياشلىرىمىز مۇھەببەت دەپ شام كەبى ئىرىپ ، مۇز كەبى مۇزلاپ ، پوجاڭزا كەبى پارتىلاي دەپ قالغان قەلبىگە مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ناخشىچىنىڭ [مۇھەببەت ]تىمىسىدىكى ناخشىلىرىدىن داۋا تاپماقچى بولدى –يۇ ، دېڭىز سۈيى ئىچىۋالغاندەك ئۇسسۇزلۇق قانماس، مۇھەببەتلىك كۈنلەر تۈزى كام ئاشتەك تېتىمسىز بىلىنەر بولدى .

كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلىمسىزلىقىنى داڭلىق ماركىلىق كىيىم -كىچەك ، ھوقۇق-ئەمەل بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنار بولدى ، ئون يەتتە يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان سىتۇدېنتنىڭ سۈرلۈك سىمىز باشلىقنىڭ ئالدىدا موچەنلىك ئىناۋىتى بولماي ئاچچىقىدا دىپلومنى بۇلۇڭغا ئاتتى ، مانا بۇ دىپلومنىڭ قىممىتى بولدى.
...
جاھاننىڭ رەپتارىنى بىلگەن بىرسى شاپاشلاپ يۈرۈپ يامىشىپ باشلىق بولۇپ ئەمەل تۇتتى ، ئالىي مەكتەپتە كىتابخانىداشاپاشلىغانلار كىچىككىنە خىزمەت ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ غەمگە پاتتى .ھەممىسى شاپاشلىدىيۇ ئەمما ئىرىشكەن قىممىتى ئوخشاش بولمىدى. سىتۇدېنتنىڭ 20يىلغا يېقىن ئوقۇغىنىنىڭ قىممىتىنى باشلىقنىڭ قولىدىكى تامغا بەلگىلەر بولدى.

تۈنۈگۈن كەچتە شىرىن ۋەدە بىلەن ئېچىلغان ياتاققا قەدەم تەشىرىپ قىلغان قىز بۈگۈن ئەتىگەن [ئىككىنجى كۆزۈمگە كۆرۈنمە ، يوقال ] دىگەن جاۋابنى ئاڭلىدى ، دادىسى ئۇنىڭدىن تاندى ، ئاپىسى ياقا يىرتىپ يىغلىدى ، ئاكىسى پىچاق كۆتۈرۈپ قوغلىدى ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆزى قىيماستىن بۇ شەھەرگە بىر قارىۋىتىپ يىگىرمىنجى قەۋەتتىن جىممىدە پەسكە ئۆزىنى قويىۋەتتى . مانا بۇ ئەڭ تىز تۆۋەنلەيدىغان قىممەت بولدى .
...
يېڭى توي قىلغان يىگىتنىڭ بېشى كۈندىن كۈنگە قاتار بولدى ، بەزىلەر 20 يىل كىيىن تۇغۇلۇپ قالغان بولسامچۇ دەپ ئارزۇ قىلسا ،ئۇ 20يىل بۇرۇن ئۆي ئەرزان ، خوتۇن ئەرزان ،ماي ئەرزان ...ۋاقىتلاردا تۇغۇلۇپ قالسامچۇ دەپ ھەسرەت چەكتى ، بەزىلەر تۇلۇم كەبىسەمرىپ پۇل خەجلەرگە جاي يوق بولار بولدى ، بەزىلەر قوي گۆشىنىڭ باھاسىغا بويلىشالماي كۈندە ئۆيدە جىدەل قاينار بولدى.
...
بىرلەر ئىجارە ئۆينىڭ غېمىدىن قۇتۇلۇپ بولالماي بېشىغا ئاق كىرىپ كەتتى ، بىرلەر ‹چەتئەلگەكۆچمەن بولۇش› رەسمىيتنىڭ بالدۇر پۈتمەيۋاتقىنىدىن ئىچى پۇشۇپ قالدى ..
24--بىز يا ئىشىكنى ئاچالماي ، يا  قاچالماي ، تەمتىرەش ئىچدە  قالغان بۇلۇپ ، مەخلۇق ئارمىزدىن بىرەيلەننى ئارغا ئېلۋېلىپ  چىشلەشكە باشلىدى .
قۇتقۇزۇڭلار ؟!!!... قۇتقۇزۇڭلار ؟!!!!! .......  
- بىراق بىز ھەر قانچە قىلساقمۇ  بۇ  قانخورلارنىڭ قۇلدىن دوستىمىزنى قۇتۇلدۇرالمايتۇق ، شۇ ئارلىقتا يەنە بىر دوستۇم  قانخورلارنىڭ ھوجۇمغا ئوچۇرغان بۇلۇپ بۇلار بۇ دوستىمنىڭ پۈتۈن ئەزالىرنى غاجلاپ ، چىشلەپ ، قان قىلۋەتكەن ئىدى .
  بىز ئىككمىزلا قالغان بولغاچقا ئامالنىڭ بارچە يەنە  شۇ  ۋەھىمە باسقان بۇ مەكتەپ  ئىچدىن چىقالماي  ياتاق تەرەپكە يۈگۈردۇق .
- بىز شۇ يۈگۈرگەنچە  ياتاق ئىچگە كىرىپ  ياتاق ئىچگە كۆز يۈگۈرتمەستىنلا  ،  ئىشىكنى ئىچدىن تاقاپ ئىلغۇچ بىلەن ئىشىكنى ئىلىپ  كەينىمىزگە ئۆرلىپ قارىشمىزغا  بىزگە قاراپ تۇرغان  بەستىلىك  كەلگەن بۇ مەخلۇق ، بىزنى كۈتۈپ تۇرغاندەك   خىرىس قىلغانچە  بىزگە ئېتلىپ كەلدى دە مىنى كارۋات ئۈستگە ئىترىپ ، دوستۇمنىڭ بوينىنى چىشلەپ پۈتۈن ئەزاينى قان قىلۋەتكەن ئىدى .
دوستۇم ئاللقاچان بۇ مەخلۇق ئالدىدا جان تەسلىم قىلدى .
25-مەن بۇ ئىشلارنى كۈرۈپ ھۇشۇمدىن كەتكەچكە  مەخلۇق  ئالدى بىلەن مىنىڭ پۇتۇمنڭ ئالقىنىنى غاجىلماقتا .....  مەن پۇتۇمنى قانچە قاچۇرغانسىرى مەخلۇق شۇنچە غاجىلايتى ، بۇ پۇتۇمنى قاچۇرسام  ،ئۇ پۇتۇمنى غاجلايتى .
ۋايجان ؟؟؟!!!!!! قۇتقۇزۇڭلار ؟؟؟؟!!!! ...... قاتتىق ۋارقىرغانچە مەخلۇقنى بىرنى تىپىپ  يەرگە يىقىتتىم .
چاڭ - چۇڭ ... قىلغان ئاۋاز بىلەن  تەڭ ، يۈزۈمگە تەككەن  بىر تەستەك مىنى بۇ ۋەھىملىك ئۇيقۇدىن ئويغاتقان بۇلۇپ ، مىنى شۇنچە  قىلىپ ئۇيغۇتالمىغان ياتاقداشلىرىم ،   مىنى  ئويغۇتالماي پۇتۇمنى غىدىقلىغان ئىكەن ، مەن مەخلۇقنى تەپتىم دەپ  پۇتۇمنى غىدىقلىغان  دوستۇمنى تەپكەن ئىكەنمەن .
دوستۇم  شۇ يىقىلغانچە كارۋاتنىڭ بۈرجىكگە بېشى تىگىپ كىتىپ بېشى يېرلىپ قان ئېقىشقا باشلغان ئىدى  . مەن كۈزۈمنى ئېچىپ قارسام دوستۇم يەردە ياتاتى.
     -  ۋايسىغانچە  -  ھۇ چاتاقچى ..... سەن دائىملا چۈشەپ چىقسەن !!!! يە  كېچسى ئادەمنى ئۇخلاتمايسەن دىگىنچە مىنى تىلاپ ياتاتتى . مىنىڭ چىرايلىرىم تاترىپ پۈتۈن ئەزالىرىم چىپىق - چىپىق تەرگە چۈملۈپ كەتكەن ئىدى ......شۇ سەۋەپتىن  مەكتەپ مەيداندا چۈشكىچە  ئاپتاپتا  تۇرغۇزلۇپ جازا لاندىم .
بۇ ئىشلار خۇددى راستەكلا ئويلىغانسىرى كۈندۈزمۇ  ۋەھىمە  باساتتى  مىنى ....

تۈگدى

  


«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N