ئىپار پۇراپ تۇرسۇن بويۇڭدىن ، ئۇماقلىقىڭ چىقسۇن خۇيۇڭدىن . قۇۋلۇق يىراق كەتسۇن ئويۇڭدىن ، گۈللەر ئۈنسۇن چىۋەر قولۇڭدىن ، چۈنكى ئۆزۈڭ ئۇيغۇرنىڭ قىزى . يېپىپ يۈرگىن ئۇيات يېرىڭنى ، ئۇزۇن كەيگىن بولسا كىيىمنى . گۈزەل تۇرۇپ قىلما گىرىمنى ، ھالال تاپقىن ھەممە كىرىمنى ، چۈنكى ئۆزۈڭ ئۇيغۇرنىڭ قىزى . بىلىم بولسۇن قىممەت بايلىقىڭ ، شەرمى-ھايا بولسۇن يايلىقىڭ . بولمىسىمۇ مەيلى ئايلىقىىڭ ، لىكىن بولسۇن مەڭگۈ پاكلىقىڭ ، چۈنكى ئۆزۈڭ ئۇيغۇرنىڭ قىزى . سۆيگۈ تىلەپ توسسا يىگىتلەر ، خىجىللىقتا قىزارسۇن يۈزلەر . يەرگە باقسۇن ئۇياتچان كۆزلەر، گەر يۈرەككە تەگسىمۇ سۆزلەر ، چۈنكى ئۆزۈڭ ئۇيغۇرنىڭ قىزى . نازاكەتلىك بولسۇن ھەركىتىڭ ، قىزغا لايىق بولسۇن خىسلىتىڭ . زاۋال تاپسۇن يامان ئىللىتىڭ ، تۇغۇلىدۇ سەندىن مىلىلتىڭ ، چۈنكى ئۆزۈڭ مىللەتنىڭ قىزى . قىزىم بار دەپ سۆيۈنسۇن ئانا ، قەددى تىكلەپ يۈرسۇن ھەم ئاتا. پەخىرلەنسۇن سىڭلىم دەپ ئاكا ، پەخىرلەنسۇن ھەتتاكى دۇنيا، چۈنكى ئۆزۈڭ ئۇيغۇرنىڭ قىزى.