قەغەز ئۇزۇك

2016-01-12 02:14:05 -0500
...:بىر قىز بىلەن بىر يىگىت مۇھەببەتلىشىپتۇ،باشقا ئوغۇل قىزلارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىمۇ ئىنتايىن شېرىن ئىكەن.بىر كۈنى قىز يەنە بىر قىزنىڭ قولىدىكى ئاق ئالتۇن ئۈزۈكنى كۆرۈپ يىگىتكە قاراپ :مېنىڭمۇ شۇنداق ئۈزۈكۈم بولسا ھە دەپتۇ. لېكىن يىگىت بۇ گەپنى يۈرىكىگىلا سېلىپ قويۇپتۇ ،ئۇنىڭ ئۇ چاغدا ئۇ ئۈزۈكنى قىزغا ئېلىپ بەرگۈدەك پۇلى يوق ئىكەن.ئۇزۇن ئۆتمەي يىگىت قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قېلىن قەغەزدە ياسالغان سىپتا بىر قەغەز ئۈزۈك سوۋغا قىلىپتۇ،قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز بۇ ئۈزۈكنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپتۇ ۋە ئۇيان بۇيان قاراپ ھەجەپ چىرايلىقكەن دەپ يىگىتكە ماختاپ كېتىپتۇ. كىيىن قىز توي قىلىپتۇ لېكىن يىگىت بىلەن ئەمەس باشقا بىرسى بىلەن.چۈنكى قىزنىڭ نەزىرىدە يىگىتنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت مائاشى ئىنتايىن تۆۋەن بىر ئىدارىدە ئىشلەش ۋە كۈندە قىزمۇ چۈشەنمەيدىغان بىرنېمىلەرنى يېزىش ئىكەن. قىز يىگىتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرسىمۇ لېكىن ئاخىرى يەنىلا باي بىر باشقا يىگىت بىلەن توي قىلىپتۇ.قىز ئۆزى ئويلىغىنىدەك تويى بولغاندا بېشىدىن ئايىغىغىچە ئالتۇن بىلەن جۇلالىنىپ كېتىپتۇ ،ئۇ يىگىتنىڭ بەرگەن قەغەز ئۈزۈكىنى تارتمىغا ئاۋايلاپ سېلىپ قويۇپتۇ.لېكىن تويى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئېرىنىڭ شىركىتىدىن ئازراق مەسىلە چىقىپ ئۇنىڭ ئېرىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دەپ تۇتۇپ ئەكىرىپ كېتىپتۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي تۈرمىگە سولاپتۇ.قىزنىڭ بېشى پىررىدە قىيىپتۇ ۋە شۇ نامرات يىگىت تۇيۇقسىز كاللىسىدا پەيدا بولۇپتۇ. بىركۈنى قىز بۇرۇنقى شۇ يىگىت بىلەن كوچىدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ ،يىگىت قىزنى ئۆيىگە كىرىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ.قىز يىگىتنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ ۋە يىگىتنىڭمۇ توي قىلغىنىنى بىلىپتۇ.يىگىتنىڭ ئايالىنىڭ قولىدا يىگىت بۇرۇن قىزغا سوۋغا قىلغانغا ئوخشاش قەغەز ئۈزۈك بارئىكەن.يىگىتنىڭ ئايالى ئۇلارغا چاي قۇيۇپ بېرىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن قىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلىپتۇ ۋە مېنىڭ ھازىر ھېچنىمەم يوق ئىكەن ھەتتا ئېرىممۇ يىنىمدا ئەمەس دەپ كۆڭلى بۇزۇلۇپتۇ.قىز يىگىت بىلەن خوشلىشىپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ ۋە تارتىمىدىن شۇ قەغەز ئۈزۈكنى ئېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ يىغلاپ كېتىپتۇ ... كۈنلەر ئۆتۈپ قىز بىر گېزىتتىن يىگىتنىڭ يازغان ماقالىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ھەممىنى چۈشىنىپتۇ.قىز يۈگۈرۈپ كىرىپ تارتمىنى ئېچىپتۇ ۋە قەغەز ئۈزۈكنى ئاۋايلاپ ئېچىپتۇ ،قاتمۇ قات قەغەزلەر ئېچىلىپ قىزنىڭ كۆز ئالدىدا ئاق ئالتۇندىن شۇنداق سىپتا بىر ئۈزۈك نامايەن بولۇپتۇ.يىگىتنىڭ ماقالىسىدە يىگتنىڭ قىزنىڭ يىقىنلىشىپ قالغان تۇغۇلغان كۈنىگە ئۈزۈك سوۋغا قىلىش ئۈچۈن قان ساتقانلىقى يېزىلغان ئىكەن.قىز قەغەز ئۈزۈككە قاراپ ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپتۇ،قىزنىڭ ياشلىرى بولسا مەڭزىنى بويلاپ قەغەز ئۈزۈككە تامچىپتۇ.شۇندىن كىيىن قىز نەگە بارسا شۇ قەغەز ئۈزۈكنى قولىغا تاقىۋالدىغان بولۇپتۇ .كىشىلەر ئۇنىڭ شۇ ئۈزۈكىنى ماختىسا ئۇ ھەر دائىم :ئادەم دېگەن يوقاتقاندا ئاندىن ئېرىشكىنىنىڭ قەدرىنى بىلىدىكەن دەيدىكەن... /
نامراتچىلىق بىر ئۆمۇر ئەمەس
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N