ئانا تەربىيەسى

2016-01-12 02:12:32 -0500
بىر ئانا پەشتاقتا تۇرغان چىنىنى قىزىغا يۇيىۋېتىشكە بۇيرىسۇن ،ئەگەر قىزى چىنە ئىككى بولغاندا يۇياي دىسە ئۇنىڭغا رەدىيە بەرسۇن ھەم مەجبۇرى يۇيغۇزسۇن ،قىز كۆنگىچە شۇنداق قىلسۇن .بۇ قىزىنىڭ ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئېرىنىڭ مەينەت دەپ ئۇرغىنىدىن كۆپ يېنىكتۇر .رەتلىك تەربىلەنگەن قىز رەتسىز مەلىكىدىن ئارتۇقتۇر ،مەلىكە چاكارلىرىنىڭ ياردىمىدە جىسمى گۈزەللىكىنى ساقلىغان بىلەن ،رەتلىك قىز ھەركىتى بىلەن روھى گۈزەللىكىنى بەرپا قىلىدۇ .روھى گۈزەللىك بولسا ئىنسان يارىتىلغاندىن تا يوقالغۇچە قەدىرىنى يوقاتمايدۇ ،ئىنسانلار روھى گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ ،قانمايدۇ ،ئازار بەرمەيدۇ.
ئانا بۈيۈك ئىنسان ،ئۇنىڭ بۈيۈكلىكى قانداقتۇر بالا تۇققىنىدا ،باققىنىدىلا ئەمەس بەلكى لاياقەتلىك يەنە بىر ئاتا ياكى ئىپپەتلىك يەنە بىر ئانا تەربىلىشىدە بولىدۇ ،ئەگەر بالا تۇققانغا بۈيۈك بولغان بولسا ھايۋانلار ھاياتىدا نۇرغۇن ھايۋانلارنى تۇغۇپ ئېمىتىپ بۈيۈك ھايۋان بولغان بولاتتى...
باشقىلارنىڭ سۆزىنى كەينىدىن قىلىش غەيۋەتتۇر ،غەيۋەت ئارىسىدا چوڭ بولغان بالىدا غەيرەت بولمايدۇ ،غۇرۇر بولمايدۇ ،خىسلەت بولمايدۇ .ئۇنىڭغا سىڭگەن ئىللەت مىللەتنى ھالاك قىلىدۇ .ئېسىمىزدە بولسۇنكى بىز بالىلارنىڭ ئەينىكى ،ئەينەك ئەگرى بولسا ئۆزىنى كۆرىدىغان بالىلارمۇ ئەگرى كۆرىنىدۇ,.ئەينەك ناچار بولسا ساھىپجامالمۇ ئۆزىدىن گۇمان قىلىپ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ!
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N