《ئالامەت رېژىسسور》 بىر فىلىم ئىشلەيدىغان رېژىسسور بىر كۈنى ئايالىنىڭ يېنىدا ئۇخلاۋېتىپلا جۆيلۈپ كېتىپتۇ:
- جېنىم، ياخشى كۆرىمەن سىزنى، ياخشى كۆرىمەن جېنىم، ياخشى كۆرىمەن سىزنى....
بۇنى ئاڭلاپ ئايالى ئويغىنىپ كېتىپ، يەنە ئاڭلىسا ھېلىقى رېژىسسور:
- جېنىم، ياخشى كۆرىمەن سىزنى. راست، ئايالىمنى قويۇۋېتىپ چوقۇم سىزنى ئالىمەن...
دەپ ئويغىنىپ كېتىپ لاپپىدە كۆزىنى ئاچسا، ئايالى ئالدىدا چەكچىيىپ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئىتتىكلا كۆزىنى يۇمۇپ:
- مۇشۇ يەرنى باشقىدىن كېلىڭلار، قايتا - دېگۈدەك....