كالا سېتىش

2016-01-11 02:01:18 -0500
كاللسى ئانچە ئىشلىمەيدىغان بىر دېھقان كالىسنى سناتماقچى بۇلۇپ بازارغا ئەچىقىپتۇ ، كۆڭلىدە 4 مىڭ سومغا ساتماقچى بوپتۇ . بىراق كىشلەر قويغان ئەڭ يۇقىرى باھا 3 مىڭ سومدىن ئاشماپتۇ . دېھقان كالىسنى بازاردا بىر كۈن تۇتۇپ تۇرۇپمۇ ساتالماي ئۆيگە قايىتماقچى بۇلۇپ تۇرسا بىر ئاغىنىسى ئۇچراپتۇ ۋە ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن يۈر مېنىڭ بازىرى كاسات مالنى بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلاندۇردىغان ئامالىم بار دەپ كالىنى يېتىلەپ ئادەملەر توپلاشقان بىر يەرگە ئەكىلىپ ، بۇ قاۋۇل ، ياش ھەم بېجىرىم ئىنەكنى كىم سېتىۋالىدۇ . ئۇنىڭ بوغاز بولغىنىغا ئۈچ ئاي بولدى . كىم بۇ ئىنەكنى سېتىۋالسا قورسىقىدىكى موزاينى بىكارغا قۇشۇپ بېرىمەن دەپ توۋلاپتىكەن ئادەملەر ئولۇشۇپ تالاش-تارتىش ئىچىدە بىردەمدىلا 6 مىڭ سومغا سېتىلىپتۇ . دېھقان كالىسنى ئويلىغىندىن يۇقىرى باھادا ساتقىنىغا خوشال بۇلۇپ ئۆيىگە قايتىپتۇ . ئۆيىگە كېلىپ قارىسا ئولتۇرۇپ قالغان قىزىغا ئەلچى كەلگەن بۇلۇپ ، ئايالى ئەلچىلەرگە قىزىنى ماختاۋاتقانىكەن ، دېھقان ئايالىغا ئاغزىڭنى يۇم ، مەن بازىرى كاسات مالنى بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلاندۇردىغان ئامالنى ئۆگىنىپ كەلدىم دەپ ، ئەمدى مېھمانلار قىزىم قاۋۇل ، ياش ھەم بېجرىم ، ئۇنىڭ ھامىلدار بولغىنىغا ئۈچ ئاي بولدى . ئەگەر بىز بىلەن قۇدىلاشساڭلار قىزىمنىڭ قورسىقىدىكى بالىسىنى بىكارغا قۇشۇپ بېرىمىز دەپتىكەن ئەلچىلەر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن ئالدى -كەينىگە قارىماي كېتىپ قاپتۇ .```..
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N