بالام بىزنى يوقلاپ تۇر

2016-01-11 01:16:36 -0500
بالام بىزنى يوقلاپ تۇر

ئوغلۇم بىر چاغ مەنمۇ سەندەك ياش ئىدىم،
تەندە قۇۋۋەت پۇتتا ماغدۇر شاش ئىدىم،
ھەممە ئىشتا باشقىلارغا باش ئىدىم،
دۇئا قىلاي ئوغلۇم مېنى يوقلاپ تۇر.

ئۈمىدىمنى پەقەت ساڭا باغلايتتىم،
سەن بولغاچقا ئۆزۈمنى باي چاغلايتتىم،
مەن زاغرا يەپ سېنى ياغدا ياغلايتتىم،
دۇئا قىلاي ئوغلۇم مېنى يوقلاپ تۇر .

بالا ئىدىڭ يىگىت قىلدىم جاپادا،
ئەتىۋارلاپ ئولتۇرغۇزدۇم ساپادا،
ئادەم بولدۇڭ تەڭدىشىڭ يوق ۋاپادا،
دۇئا قىلاي ئوغلۇم مېنى يوقلاپ تۇر .

ئۆيلەپ قويدۇم تۇرمۇشۇڭنى باشلىدىڭ،
خوتۇن ئالدىڭ ئوغلۇم مېنى تاشلىدىڭ،
يالغۇز قالدىم كۆزلىرىمنى ياشلىدىڭ،
دۇئا قىلاي ئوغلۇم مېنى يوقلاپ تۇر .

ئۇنتۇپ قالدىڭ داداڭ تارتقان جاپانى،
ئەتىۋارلاپ ئولتۇرغۇزغان ساپانى،
ئەزىز ئوغلۇم سەن بىلەمسەن ۋاپانى،
دۇئا قىلاي ئوغلۇم مېنى يوقلاپ تۇر .

يوقلاپ كەلگىن مېنىڭ غېرىپ كۈلبەمنى،
ئىچىۋالغىن مەن ساقلىغان زەم زەمنى،
ئەجەپ كۆرگۈم كەلدى مېنىڭ نەۋرەمنى،
دۇئا قىلاي ئوغلۇم مېنى يوقلاپ تۇر .

ئويلاپ باققىن سەن بالاڭغا كۈيەمسەن،
«خان ئوغلۇم»دەپ مېھىر بىلەن سۈيەمسەن،
داداڭ سېنى شۇنداق باققان بىلەمسەن،
دۇئا قىلاي ئوغلۇم مېنى يوقلاپ تۇر .

ئوغلۇم بىر كۈن سەنمۇ مەندەك بولىسەن،
بوۋاي بولۇپ كۈچ-قۇۋۋەتتىن قالىسەن،
دادا بولدۇڭ سەن بەرىبىر بالىسەن،
دۇئا قىلاي ئوغلۇم مېنى يوقلاپ تۇر .
ئاپتورى:
ــــــ ئابدۇللا.ساكىن بوستانى
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N