ئىسىڭىزدە بولسۇن
2016-01-20 23:31:51 -0500
ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلىمەيدۇ، بەلكى قارارىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ! تىلەمچى تىلەشتىن خىجىل بولغان ئىدى، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالدى.
سودىگەر نېسىنى سۈيلەشتىن خىجىل بولغان ئىدى، دۇكىنى تاقىلىپ قالدى.
يىگىت كۆڭلىدىكى ئادىمىگە سۆيگۈ ئىزھار قىلىشتىن خىجىل بولغان ئىدى، ئۇ باشقىلار بىلەن كەتتى.
ئېسىل كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىشتىن خىجىل بولغانىدى، ئۆزى ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى.
خاتالىقتىنى تونۇشتىن خىجىل بولغانىدى، تونۇش ئادەملەر ياتلىشىپ كەتتى.
جىق سۆزلەشتىن خىجىل بولىمەن دەپ باشقىلار ئالدىدا ھەق سۆز ئاچالمىساڭ ياۋاش دۆت كۆرۈنىسەن.
خىجىللىق سىزنىڭ پۇتىڭىزغا پۇتلىشىدىغان تاشقا ئايلىنىپ قالمىسۇن، ھەممە ئىشتا خىجىل بولماي دەرھال قىلىشنى ئۆگىنىڭ، بولمىسا ۋاقىت سىزنىڭ جۈرئىتىڭىزنى خورىتىۋىتىدۇ.ــــ تۇرمۇشتا خىجىل بولماڭ.
ئەمما ھايا قىلىڭ.
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N