سەمىمىيلىك دىگەن نىمە

2016-01-20 23:29:37 -0500
: سەمىمىيلىك دېگەن نېمە ؟
سەمىمىيلىك ھاياتلىقتىكى تولىمۇ ئالىيجاناپ پەزىلەت ، ئۇ ھەتتا باشقا ھەرقانداق پەزىلەتتىن ئارتۇق تۇرىدۇ دېسەك بولىۋېردۇ .چۈنكى ، سەمىمىلىك خوشامەت قىلمايدۇ ، ساختىلىق ، مۇغەمبىرلىك ، ياسالمىلىق ، يالغانچىلىق قىلمايدۇ .

بەزىلەر ساختىلىق يەنى سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشقا ئارانلا تۇرىدۇ ، تېخى ئۇنى ئادەت قىلۋالغان . ساختلىق قىلىش سىرتقى قىياپىتىدىن قارىغاندا باشقىلارنى ئالداش ، ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۆزىنى ئالداش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ساختىلىق ،سەمىمىيەتسىزلىك دۆلەتكە ھەم خەلىققە زىيان سالىدۇ . ھەتتا ، ناھايتى چوڭ خەتەرلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىشىمۇ مۈمكىن .
بىزدە ھازىر كۆپ ھاللاردا شەخسى مەنپەتنى دەپ ساختىلىق قىلدىغان ئىشلار كۆپىيىپ قالدى . لېكىن تىگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئىيتساق ،" قىڭغىر ئىش قىرىق كۈندە بىلنىپ قالار " دېگەندەك ھەرقانداق ساختىلىق ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ . !

ئامېركىدىكى مەلۇم بىر شىركەت تۆت نەپەر جوڭگولۇق ئالى دەرجىلىك خىزمەتچى قوبۇل قىلماقچى بوپتۇ . بىر يىگىت ئون نەپەر قايتا ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ بىرى بوپتۇ .
قايتىدىن ئىمتىھان ئېلىشقا باش دىروكتۇر باكېر ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىپتۇ . ھېلىقى يىگىت ئىمتاھان مەيدانىغا كىرىپ كەلگەندە ، باكېر ئەپەندى ھەيران قالغان قىياپەتتە :
- سىزما ؟! سىز...... دەپ ئىتتىك بىرىپ يىگىتنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ راۋان خەنزۇ تىلىدا ، - ئەسلىدە سىز ئىكەنسىز-دە!-دەپتۇ . ئارقىدىن يېنىدا ئولتۇرغانلارغا تونۇشتۇرۇپ ھاياجان بىلەن ،سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ قوياي ، مانا بۇ قىزىمنى قۇتۇلدۇرغان يىگىت شۇ !- دەپ توۋلاپتۇ . يىگىتنىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلاپتۇ . باكېر ئەپەندىن يەنىمۇ قاتتىق ھاياجان بىلەن ، مېنىڭ قولۋاق ھەيدەش تىخنىكام ناچار بولغاچقا قىزىمنى كۈنمىڭ كۆلىگە چۈشۈرۋەتتىم ، ئەگەر بۇ يىگىت قۇتقۇزۋالمىغان بولسا چاتاتقنىڭ چوڭى چىقاتتى . كەچۈرۈڭ ، مەن شۇ چاغدا قىزىم بىلەن بولۇپ كېتىپ ، سىزگە رەھمەت ئېيتىشقا ئۈلگۈرەلمەپتىمەن .
يىگىتكە بۇ گەپلەر تاساددىپىي تۇيلۇپ سەل ھودۇققان ھالدا قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالىۋىتىپ :
-كەچۈرۈڭ ، مەن سىزنى بۇرۇن ھېچقانداق يەردە كۆرۈپ باقمىغان شۇنداقلا قىزىڭىزنىمۇ سۇدىن قۇتقۇزۇپ باقمىغان - دەپتۇ . باكېريە ئەپەندى :
-كەمتەرلىك قىلماڭ ، چوقۇم سىز شۇ ..... دەپ تۇرۋاپتۇ . يىگىت ھەرقانچە ئىنكار قىلسىمۇ باكېرىيە ئەپەندى يەنىلام سىز شۇ دەپ تۇرۋاپتۇ . يىگىت ئاخىرى :
- مەن سۇ ئۈزۈشنىمۇ بىلمەيمەن ، سىز چوقۇم خاتا ئوخشىتىپ قالدىڭىز ،- دەپ تۇرۋاپتۇ .
يىگىتنىڭ قەتئىي سۆزلىرىنى ئاڭلىغان باكېر ئەپەندى بىر ھازاۈىچە تۇرۇپ كىتىپ ، توساتتىنلا كۈلپ كېتىپتۇ :
- يىگىت ، مەن سىزنىڭ سەمىمىيتىڭىزگە قايىل بولدۇم ، سىز قايتا ئېلىنغان ئىمتاھاندىن غەلبىلىك ئۆتتىڭىز !
ھېلىقى يىگىت شۇندىن كېيىن بۇ داڭلىق شىركەتنىڭ خادىمى بولۇپ قاپتۇ . بىر قېتىم بۇ يىگىت دېروكتۇر ياردەمچىسىدىن ، باكېرىيە ئەپەندىمنىڭ قىزىنى قۇتقۇزۋالغان يىگىت تىپىلىپتىمۇ دەپ سوراپتۇ . ياردەمچى ، قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ :
— ئۇنىڭ قىزى يوق ، باشقا يەتتە كىشى ئۇنىڭ قىزى سەۋەبىدىن سىزگە ئوخشاش ئىمتاھان ئىلنىپ ئۇلار ئۆتەلمەي شاللىۋىتىلدى .
بۇ ھېكايە خىلىلا ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ .
سەمىمىيلىك -ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى مىزانى ؛ سەمىمىيلىك - باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرشىشنىڭ ئاساسى ؛ سەمىمىيلىك - سودا سىتىقتىكى بىر - بىرىگە ئىشنىشتىكى ئۆلچەم ..... ۋاھاكازا .
سەمىمىيلىك ھەم راستچىللققا دائىر ئەجداتلىرمىز قالدۇرغان نۇغۇنلىغان ھېكمەت دۇردانىلەر بار :
رىۋايەت قىلىشچە ، بۇرۇۇنقى بىر زامانلاردا بىر راستچىل ، سەمىمىي دېھقاننىڭ ھويلىسىغا ، بىر قاچقۇن قىچىپ كېرىپ ، دېھقانغا يىلىنىپ :
- ئاكا ، مېنى پادىشاھنىڭ چىرىكلىرى تاپ باستۇرماي قوغلاپ كېلۋاتىدۇ مېنى يوشۇرۇپ قويغان بولسىلىرى ،قرى ئاجىز ئانام ، بالا چاقىلىرىم بار ئىدى ، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ . دېھقان ھوپيلىدىكى قوناق شىخىنى ئىشارە قىلىپ :
- شاخنىڭ ئارىسىغا مۈكۈۋال ، - دەپتۇ .
دېگەندەك نەۋكەرلەر كېرىپ :
- ھەي قىرى ! ئۆيۈڭگە بىر قاچقۇن كىردىمۇ ؟— ەەپ سوراپتۇ . دېھقان قولىنى ھويلىدىكى شاخقا قارىتىپ :
- ئاۋۇ شاخنىڭ تىگىگە مۆكۈۋالدى - دەپتۇ .
نەۋكەر باشلىقى بۇ قىرى بىزنى زاڭلىق قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ، ساختىپەز قىرى ! دەپ قامچە بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ، يۈرۈڭلار دەپ ھويلىدىن چىقىپ كىتىپتۇ .
شاخنىڭ تىگىدە بايامقى ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇرغان قاچقۇن ، نېمىشقا مېنى ئۇلارغا دەپ قويسىز ؟ ئەگەر ئۇلار ئاختۇرغان بولسا مەن تۇتۇلۇپ قالمامتىم ،- دەپتۇ .
يىگىت ، مەن راس گەپ قىلدىم ،
ئاشۇ راستچىلىقمنىڭ خاسىيتىدىن سىز ئامان قالدىڭىز . ناۋادا يالغان ەەپ قىلغان بولسام بەلكى ئاشۇ يالغاننىڭ سەۋەبىدىن ھويلا - ئارام ئاختۇرلۇپ سىز تۇتۇلۇپ قالار ئىدىڭىز . يىگىت شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ، يىگىت بولۇڭ ، راستچىل بولۇڭ ! - دەپتۇ .

سەمىمىيەت گويا ئۆزگىچە بىر گۈلگە ئوخشايدۇ . ئۇ بولسىلا ، ئادەم يۈز خىل گۈلنى پۇرىغاندىنمۇ بەكرەك ھوزۇرلىنىدۇ ، رەھەتلىنىدۇ
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N