يۇمۇرلار

2016-01-20 05:14:28 -0500
تۇتقۇلى تۇمۇر ياخشى ، قۇرۇق گەپدىن يۇمۇر دەپتىكەن …… كەتتى ئەمسە …
********************************************
كىپىنەك قىزىغا :
- قىزىم ، سەن يەنىلا پاشىغا ياتلىق بولغىن ، ئۇ ئۆزى ئازراق كىچىك ھەم قارامتۇل بولغۇنى بىلەن يەنىلا رەھبەردە .
كىپىنەك قىز :
- پاشا قانداقسىگە رەھبەر بۇلىدۇ؟
كىپىنەكنىڭ ئانىسى :
- خەق ئاغزىنى ئاچسىلا ھەرقانداق ئىنسان چاۋاك چالىدىغان تۇرسا …… ئۇ رەھبەر بولماي كىم رەھبەر ئەمسە ؟
********************************************
بىر ياش قارا قىشتا ئۆيىگە بالدۇر بېرىش كويىدا يېقىن يول بىلەن ماڭىمەن دەپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يېڭى كولاپ قويغان قەبرە ئىچىگە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ ۋە ( نېمانچە سوغۇق بۇ يەر ، ئەجەپ توڭلۇدۇم ) دەۋاتسا ، نەخ شۇ ۋاقىتتا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مەس :
- ھۇ لاۋزا …… قارا قىشتا ئۈستىڭگە توڭلىمىسۇن دەپ يېپىپ قويغان توپىنى ئېچىۋەتكەندىكىن سەن توڭلىماي كىم توڭلىسۇن . - دېگۈدەك ……
********************************************
ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا بىر ئۆرە تۇرغان ھامىلدار ئايال ئولتۇرغان بىر ئەرگە قاراپ تۇرۇپتۇ ، لېكىن ئەر ئۇنىڭغا ھىچ ئورۇن بېرىدىغان خىيالى يوق ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئەرگە :
- سىز مېنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟ - دېسە ، ئۇ ئەر بۇنى ئاڭلاپ جىددىلىشىپ :
-قورسىقىڭىزدىكى بالا مېنىڭ ئەمەس جۇما !- دېگۈدەك ……
********************************************
بىر جۈپ قىز - يىگىت تويغا تىزىمغا ئالدۇرغىلى بارغاندا خىزمەتچى خادىم سوراپتۇ :
- تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى قىلدىڭلارمۇ ؟-  قىز :
- ھەئە ، ئۇنىڭ ئۆيى ، ماشىنىسى تەل ئىكەن .-دەپتۇ ، خىزمەتچى خادىم :
- مەن دوختۇرخانىدىكى تەكشۈرۈشنى دەۋاتىمەن .- دېسە ، قىز يۈزى قىزارغان ھالدا ، تۆۋەن ئاۋازدا دەپتۇ :
- ئۇنىمۇ قىلدۇق ، قورسىقىمدىكى بالا ئوغۇل ئىكەن ……
********************************************
تاڭ راھىپ  ۋۇكۇڭغا ئاچچىقلاپ ئۇنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىنكى سەپىرىدە ئالۋاستىغا ئۇچراپ قاپتۇ ، تاڭ راھىپ ئامالسىز چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇپ ۋۇكۇڭنى چاقىرىپ كېلىشىنى ئويلاپتۇ دە دەرھال ئوقۇپتۇ ، بىردەمدىم كېيىن ئاسماندىن :
- كەچۈرۈڭ ، سىز چاقىرغان ئابونت مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس ، سەل تۇرۇپ قايتا ئۇرۇڭ……-دېگەن سادا ئاڭلىنىپتۇ ……
********************************************
بىر قىز بىر يىگىتكە دەپتۇ :
- پۇلىڭىز يوق مېنى نىمىڭىزگە ئالسىز ؟ ماڭا لازىمى پۇل ،مەن پۇلى بولسا كىم بولسا تېگىۋىرىمەن . -دېسە ، يىگىت :
- ھە ، بىلدىم . سىزنىڭ شەرتىڭىزگە ماس كېلىدىغان بىرسى بار ، تېگەمسىز ؟ -دەپ سورىسا ، قىز خۇشال بۇلۇپ :
- كىمۇ ؟ - سوراپتۇ ، يىگىت :
- بانكىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكابى……
********************************************
بىمار : دوختۇر ، قايچىڭىزنى قورسۇقۇمدا ئۇنتۇلۇپ قاپسىز .
دوختۇر : ھىچقىسى يوق ، قايچا دېگەن مەندە جىق ……
********************************************
ساختا پۇل ياسايدىغان بىرسى دىققەتسىزلىكتىن 15 يۈەنلىك ساختا پۇل بېسىپ ساپتۇ ، ئۇ بۇ پۇلنى چەت تاغ رايۇنلاردا خەجلىۋەتسەم ئۇقمايدۇ دەپ ئويلاپ ، بىر يېزىدىكى دۇكاندىن بىر يۈەنلىك نەرسە ئېلىپ ، قايتۇرۇپ بەرگەن پۇلغا قارىسا 7 يۈەنلىك پۇلدىن ئىككىسى تۇرغۇدەك
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N