ئىلىم يۇلى

2016-01-20 05:10:45 -0500
ئىلىمگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ قىسقا يولى_كىتاب. ئۇ بىزگە يىراقنى يېقىن قىلىدۇ، كاللىمىزنى ئېچىپ ئوچۇق كۆزىمىز بىلەن دۇنياغا قارايدىغان قىلىدۇ. ئۆيىمىزنىڭ كىتاب تەكچىسىگە بىر كىتاب قويۇلسا قەلبىمىزدىكى بىر بوشلۇق توشىدۇ. بالىلىرىمىزنى كىتابخانىغا ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ كىتاب ئېلىپ بېرەيلى. خوتۇن قىزلار داستىخان يۆگەپ يارىشىققا بارغاندا مال ۋە غىزا ئورنىغا ئېسىل ئسىل كىتابلاردىن زەللە قىلىشنى ئادەت قىلايلى. چۈنكى نەپسىمىزگە ھەر كۈنى نەچچە ۋاق ئاش-ئوزۇق بېرىۋاتىمىز، لېكىن روھمىمىزغا بەزىدە بىر ۋاقمۇ تاماق يوق ئاچ قېلىۋاتىمىز.

يۈزىمىزنى توپا باسسا باسسۇن، كىتابلىرىمىزنى توپا باسمىسۇن. كىتابلىرى غېرىپ بولۇپ قالغان خەلقنىڭ ئەرلىرى نادانلىققا قۇل، ئاياللىرى روھى تۇل بولۇپ قالىدۇ.ئەزىزانە قېرىنداشلىرىم بىربىرىمىزگە ياخشى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلايلى، كىتاب سوۋغا قىلايلى. چۈنكى ياخشىلىق ئۈچۈن چۆلگە باسقان قەدەملىرىمىزدىن كىيىنكىلەرگە گۈللەر ئۈنۈپ قالىدۇ.
——
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N