ئەركەكلىك تەبىرى
2016-01-12 11:58:50 -0500
ئەركەكلىك تەبىرى
ئەركەكلىك - ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىڭدە دائىمى رەۋىشتە ياراتقۇچىنى ئەسلەپ تۇرۇشىڭدۇر .
ئەركەكلىك شەرەپ سۆزى ۋە ئىززەت پۇزىتىسىيەسى تۇتماقتۇر !
ئەركەكلىك بېغىشلاش ، تەقدىم قىلىش ، قۇربان بېرىش ۋە پىدكارلىقتۇر
ئەركەكلىك ساڭا ياخشىلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىپ ، يامانلىق قىلغانغا يامانلىق قىلماسلقىڭدۇر
ئەركەكلىك ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلەش ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى تۆۋەن كۆرۈشتىن ساقلىنىشتۇر !
ئەركەكلىك مالامەتچىلەرنىڭ مالامەت قىلىشىدىن قورىقماي ھەق سۆزلەش ۋە ئۇنى ئايان قىلىشتۇر . !
ئەركەكلىك ئەڭ يۈكسەك ئۇقۇمدىكى ئالىيجاناپلىق ۋە ئادىمىيلىكتۇر
ئەركەكلىك ئادىللىق ۋە ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى بېرىشتۇر .
!
ئەركەكلىك ئۇ ئېسىل ئەخلاق ۋە ياخشى موئامىلە دېمەكتۇر .
ئەركەكلىك ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزگىلەر ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرۈشىڭدۇر .
ئەركەكلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنى زالىمدىن قوغداشتۇر .
ئەركەكلىك ھەر قانداق شارائىتتا بولما ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قولۇڭنى سۇنۇشۇڭدۇر . !
ئەركەكلىك ئۆزۈڭنىڭ قەدرىڭنى بىلىپ
باشقىلارنىڭ ھەم قەدرىنى قىلىپ يا شىشىڭدۇر
ئەركەكلىك كۈچۈڭ يىتىدىغان تۇرۇپ ئەپۇ قىلىشىڭ ، ئاچچىقىڭ كەلگەندە ئۆزۈڭنى تۇتىۋېلىشىڭدۇر .!
ئەركەكلىك بىتەلەي بىچارىلەرنىڭ كۆز يېشىنى مۇلايىملىق بىلەن سۈرۈتۈپ قويۇشىڭدۇر .
ئەركەكلىك ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىغان ھالدا كۆڭلۈڭ توق ، ۋىجدان ئازابى تارىتماي ئۇخلىيالىغان بولۇشۇڭدۇر .
ئەركەكلىك ئائىلەڭ ئۆيۈڭ خوتۇنۇڭنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قارىماي ئۇلارنىڭ ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرگەن بولۇشۇڭدۇر .
ئەركەكلىك ئەركەكنىڭ ئايالى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى بىلىشى ۋە ۋاپادارلىقى دوستانىلىقى ۋە كۆيۈنىشىدۇر .
ئەركەكلىك ئايالىڭغا ئۆزىنى دۇنيادىكى بەختىيار ئىنسانلارنىڭ بىرى ، ئۆزىنىڭ سەنسىز ياشىشى مۈمكىن ئەمەس دېگەن تۇيغۇنى بىرەلىشىڭدۇر .
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N