ئۆزگىلەرنىڭ قوينىدا

2016-01-12 11:57:45 -0500
ماڭا يىراقتىن كۈلۈمسىرەيدىغان قىزنىڭ
كۈلكىلىرى چېچىلىپ كېتىپتۇ
ھازىر كۆرسەم ئۆزگىلەرنىڭ قوينىدا
قاقاقلاپ ئېچىلىپ كىتىپتۇ.

ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى سەبىيلىكى
خاتىرەمدىن ياتلىشىپتۇ.
ھازىر ئىشتانلىرى تىزنىڭ ئۈستىدە
گىرىملىرىمۇ قېنىقلىشىپتۇ.

ئويلىسام ئەينى چاغدا ئۇنىڭ قولىنى
ئەركىنرەكمۇ تۇتالمايدىغان.
ھازىر بوپتۇ ھاراق ئىچىشتە
زابويلارمۇ ئۇنى ئۇتالمايدىغان.

ئېسىمدە ئۇ تىرىشچان ئىدى
بىر سائەت دەرسنىمۇ قويمايتى.
ھازىر بولسا كېچىلىك كۇلۇبتا
كېچە-كېچىلەپ ئوينايتى.

پارتىسىغا چاپلىۋالاتتى
ھەرخىل قونچاق-كارتونلارنى.
ھازىر تاللىدى تار يوللارنى
يوقاتتى ئارزۇلارنى.

ھەرقېتىم بىللە يۈرگەندە ئۇ ماڭا
سومكىسىنى ئارتىپ قوياتتى.
بۇ قېتىملىق سەيلىدە ئۇ پات پات
تاماكىسىنى تارتىپ قوياتتى.

خاتىرەمدە ئۇنىڭ چېچى چىڭ بوغۇلغان
ئۇچىسىدا فورما،
بۇ قېتىم ئۇنىڭ چېچى قويۇلغان
ئالدىدا ھاراق ۋە قورۇما.

خاتىرەمدە ئۇ كىتاب ئالدىدا
زېھنىدە سوئاللار ئويناۋاتىدۇ،
ئەمما كۆز ئالدىمدا رەڭلىك چىراقتا
بىھۇدە ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ.

دېدىم ئۇنىڭغا:«توۋا
ئۆزگىرىشلەر كۆپقۇ ؟»
ئۇ دېدى :«كىم با ئۆزگەرمىگەن
ئۆزگەرمىگەنلەر دۆتقۇ ؟»

دېدىم:«سۇلغۇن ئەپتىڭ
چىرايىڭ مېھىرلىرىنى يوقوتۇپ قويۇپتۇ»
ئۇ دېدى:«ياقەي پەقەت
گىرىملىرىم سېنى قورقوتۇپ قويۇپتۇ»

كۆزلىرىكە تىكىلىپ دېدىم مەن:
»مەن سېنى تونالمىدىم»
مېيقىدا كۈلۈپ قويۇپ دېدىم:
»چۈنكى مەن سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونالمىدىم»

ۋارقىرىۋەتتىم:«ھەرقانچە بولسىمۇ
مېنى بۇنداق پەس كۆرمە!»
ئۇ دېدى:«ئۆتكەن ئىشلارنى تەگىمە
مېنى سەن مەس كۆرمە »

ئۆزگىرەلمەمسەن دېگەن سوئالىمغا
جاۋاب بەرمەي كۈلۈپلا قويدى،
ئاندىن دېدى:« مېنىڭ تېنىمدا
ئىككى بالا ئۆلۈپ بولدى»

سېنىڭ ئىشلىرىڭچۇ دەپ كۆزۈمگە قارىدى
چىشىمنى چىشلەپ گەپ قىلمىدىم.
ھاراق رومكىسىنى ماڭا تەڭلىدى
قولۇمغا ئالدىم رەت قىلمىدىم.

ئەگەر ئاشۇ چاغدا…دېسەم تېلفۇننى ئالدى
چىرايىم ئۆچۈپ كەتتى،
كېيىن كۆرىشەمىز دەپ مۈرەمگە ئۇردى
يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.

ئەينى چاغدا سۆيەتتىم ئۇنى،
ئايرىدى كىم بىزنى ؟
ئۇنتۇشۇم كېرەكما ئەمدى
تونوشلۇق ناتونۇش قىزنى .
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N