دادامغا
2016-01-12 11:30:50 -0500
.:دادامغا
تاغدىن تاپتىم قامەت بەستىڭنى،
كۆكتىن بىلدىم چىراي ۋەسلىڭنى.
ئوتتىن بىلدىم غەزەپ قەھرىڭنى،
ھەممە ئىشتا ئۈلگىسەن دادام.
گۈللەر دىدى مەندەك پۇرايىتتى،
قۇياش ئىيىتتى نۇرلۇق چىرايتى.
ھەر ئىشلارنى ئادىل سورايىتتى،
سەن قەلبىمدە ئۇلۇغسەن دادام.
سېغىنىشتا يۈرىكىم لەختە،
ئۆز ئۆزۈمنى باسىمەن تەستە.
سەن ئىگىزدە خۇددى مەن پەستە،
سېغىنىمەن سىنى جان دادام.
سەن سەۋەپلىك كەلدىم جاھانغا،
يار–يۆلەكسەن ماڭا ئانامغا.
مەدىتىڭدە يىتىمەن ئارمانغا،
سەن كەينىمدە يۆلەكسەن دادام.
مىڭ مەدھىيلەر ساڭا ئاز كىلۇر،
مىسكىن يۈزۈم سەن بىلەن كۈلۇر.
دۇئالىرىڭ مىنى خان قىلۇر،
تاجۇ تەختىم بەختىمسەن دادام.
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N