] كەمتەرلىك بابىدا چىراق بول ئىنسان. ھېچكىمدىن ھېچكىملەر ئەمەستۇر ئۈستۈن، كىبىرسىز يۈرەككە پىراق بول ئىنسان.
گۈل ئۈنسۇن ھەقنى دەپ باسقان ئىزىڭدىن، نامەردتىن يىراق بول ئازما يولۇڭدىن. ئەر بولساڭ دۇنيادا ئەركەكتەك ياشا، نەپ يەتسۇن خەلقىڭگە سېخى قولۇڭدىن.
ھەر ئىنسان دۇنياغا ئاپئاق يارالدۇق، يارالدۇق تۇپراققا تەكشى تارالدۇق. مىھنەتتىن چۆللەرنى ئەيلىگەچ بوستان، قولى گۈل پەرۋىشكار ئىنسان سانالدۇق.
مىھىردىن دىللارغا ئۈنىدۇ غۇنچە، مىھىردىن يوللارغا چېچىلار ئۈنچە. مىھىرسىز قاراڭغۇ زۇلمەتتۇر قەلىب، مىھىردىن ئاپتاپتەك پارلايمىز شۇنچە.
بۇ ئالەم پايانسىز قىسمەتلەرگە باي، گاھ ئوغا سۇنار ئۇ گاھىدا سىنچاي. ھاياتتىن زارلىنىپ قاخشىما ئىنسان، ياشايسەن بولۇپ شاھ، ۋە ياكى گاداي.
مىھىرنى ئىزلەيسەن ئۆزگىدىن قەۋەت، ئۆزۈڭدە مىھىردىن ئەسەر يوق پەقەت. سەن مىھىر كۈتكىچە ئۆزگە ئىنساندىن، مىھىردىن قەلبىڭگە كۆچەت تىك رەت- رەت .
باغرى كەڭ ئىنساندەك يۈرگىنىڭ قېنى، ئادىمى خىسلەتنى بىلگىنىڭ قېنى. چىرمىغان جىسمىڭنى ھەسەت ۋە كىبىر، يۈرەكتىن شادلىنىپ كۈلگىنىڭ قېنى.
ئويلايسەن ئۆزۈڭنى تېپىلماس گۆھەر، گوياكى كەچ بولماس مەڭگۈلۈك سەھەر. ياخشىلىق ھەققىدە سۆزلەيسەن ئۇزاق، تىلىڭدا شىكەرۇ، دىلىڭدا زەھەر.
گۆھەرنى ئىزلەيمەن ئەخلەت ئىچىدىن، كۆز كۆرمەس قاراڭغۇ زۇلمەت كىچىدىن. ئويلايمەن تاپىمەن، تاپىمەن چۇقۇم، تۇنىغاچ گۆھەرنى چاپان تېشىدىن.
كىم ياخشى ، كىم يامان ئۇقۇپ تۇرىمەن، يۇۋاشنىڭ بېشىنى چۇقۇپ تۇرىمەن. نە كىسەل مەندىكى بىلمىدىم ئەجەپ، ياخشىغا يالغاننى توقۇپ تۇرىمەن.
تىلىمدا دىيانەت، دىلىمدا گۇمان، قاپلىغاچ قەلبىمنى ئېزىتقۇ تۇمان. ۋارقىراپ توۋلايمەن ئىشەنچ قېنى دەپ، قىلغاچقا مەن ئۇنى قەلبىمدە گۇمران.