Untitled

2016-01-12 11:26:10 -0500
قىز نىداسى
**
ئابدۇللا نەزەر
**
قىزنى «ئاقچى» دەپتۇ مىشلەر ئاڭلىسام ،
بۇ شېئىردا شۇ دەرتلەرنى تۈگەتتىم .
ئەلچەڭ قۇرۇق چىققان يىگىت ئاڭلىغىن ،
ئەسلى بىلسەڭ ئىمانىڭغا تىگەتتىم .
**
يىزىپسىلەر « ئاتاڭ سىنى ساتامدۇ ؟ » ،
ياكى ئاناڭ زەر كۆرپىدە ياتامدۇ ؟
پۇلنى ئۆلچەم قىلىشلىرىڭ خاتاغۇ ،
ئەسلى بىلسەڭ ئىمانىڭغا تىگەتتىم .
**
« چانايمەن » نى يىزىۋاپسەن ئالدىراپ ،
تىللالىرىڭ يەتمىگەندە ، ۋارقىراپ .
تەڭگەڭ ئەمەس تۇرسا سەندە پارقىراپ ،
ئەسلى بىلسەڭ ئىمانىڭغا تىگەتتىم .
**
ئەتتىرلىرىڭ بىلسەڭ ماڭا بەرىبىر ،
قىممەت ئەمەس ھەم قامەت ھىچبىر .
ئەلچىلىرىڭ قايتار قۇرۇق ئامالسىز ،
ئەسلى بىلسەڭ ئىمانىڭغا تىگەتتىم .
**
تاماكاڭ بار ئۈزۈك تۇتقان قولوڭدا ،
ساڭا ھەمرا بولالمايمەن يولوڭدا .
ياكى رومكاڭ يوشوروقلۇق بۇلۇڭدا ،
ئەسلى بىلسەڭ ئىمانىڭغا تىگەتتىم .
**
ياغلىقىم بار ، ھايا مەندە ساقلاقلىق ،
ئىتىقادىم قەلىبىمگە ھەم باغلاقلىق .
ئەر نەزرىدە بۇلار ئاددى چاغلاقلىق ،
ئەسلى بىلسەڭ ئىمانىڭغا تىگەتتىم .
**
مىنى ئالساڭ تەلىپىم بارئەي ئەركەك ،
ئىتىقادىڭ ، ئىمانىڭ بولوش كىرەك .
ماڭا تويلوق بىلەيزۈكۈڭ بىكىرەك ،
ئەسلى بىلسەڭ ئىمانىڭغا تىگەتتىم .
**
قىزنى «كۆكچى» دەپتۇمىشلەر ئاڭلىسام ،
بۇ شېئىردا جاۋابىمنى تۈگەتتىم .
پۇل بولمىسا مەيلى ئىدى ئەي يىگىت ،
ئەسلى بىلسەڭ ئىمانىڭغا تىگەتتىم .
**
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N