دارغا ئېسىش
2016-01-12 11:23:32 -0500
( 7 ) دارغا ئېسىش
بىر جىنايەتچى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپتۇ، سوتچى :-«جاۋابكارنى دارغا ئېسىڭلار!»❌❌ دەپ بۇيرۇق قىپتۇ ، بۇنى ئاڭلىغان جىنايەتچى توختىماي يىغلاۋاتقۇدەك...... سوتچى:-«ھېي گۇي ، نىم يىغلاۋېرىسەن.... ؟» جىنايەتچى: -«دارغا نەرىدىن ئاسىدۇ....؟» سوتچى:- بوينىدىن ئاسمامدۇ گاچا!.... جىنايەتچى:-مېنىڭ بوينۇمدا قىچىقىم باتى، بولسا بېلىمدىن ئاسساڭلار............
8- مەشىق قىلىش
ئا:خوجايىن، ماۋۇ مايكا قانچە پۇل؟
دۇكان خوجايىنى:280سوم ،چەتنىڭ مېلى
ئا:50سومغا بېرىڭە……
دۇكان خوجايىنى:ھەي ئۇكام، تۇتىڭە رەختىنى، چەتنىڭ مىلى ماۋۇ……200سومغا ئېلىڭ……
ئا:50سوم!
دۇكان خوجايىنى: ئۇكام، قاراپ گەپ قىلىڭ، 150سومغا بېرەي بولدى……
ئا:50 سومغا بولسا ئالىمەن……
دۇكان خوجايىنى:ھەي ئۇكام……ھە بوپتۇ، ئېلىڭە 50 سومغا……
ئا:ھا ھا ھا، خوجايىن خاپا بولماڭ ھە ، ماڭا مايكا كېرەك ئەمەس، مەن مال سېتىۋالغاندا باھا تالىشىشنى ، باھا سۇندۇرۇشنى مەشىق قىلىۋاتقانتىم……
دۇكان خوجايىنى :نىمىنى؟
ئا:باھا سۇندۇرۇشنى مەشىق قىلىۋاتقان……
دۇكان خوجايىنى : ھە، ئەجەپ توغرا كەپتۇ ھە……مەن خەقنىڭ پۇت قولىنى سۇندۇرۇشنى مەشىق قىلىۋاتقان……توختا ھارىمى، ئادەمنى ئەخمەق قىپ……پۇت قولاڭنى سۇندۇرىمەن……توختا……قاچما……
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N