ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى
2016-01-12 08:42:25 -0500
ئىنساننىڭ ئاجىزلقى
بىر ئالىم ئادەم كىلونلاش تېخنىكىسنى بىلدىكەن كۈنلەنىڭ بىردە،ئالىم ئەزرائىلنىڭ ئۆزىنى ئىزدەۋاتقانلىقدىن خەۋەر تېپىپ،كىلون تېخنىكىسدىن پايدىلنىپ ،ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمدىن 12 نى ياساپ چىقىپ ئەزرائىلنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ ،ھاياتىنى ساقلاپ قالماقچى بۇپتۇ،ئالىمنىڭ كىلون تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن بۇلۇپ ،ئوپمۇ ئوخشاش 13 ئادەمنى كۆرگەن ئەزرائىل ئۇلارنى پەرىقلەندۈرەلمەي كەيپى ئۇچقان ھالدا كىتىپ قاپتۇ ،
بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئىنسان تەبىئىتنى بەش قولدەك ئىگەللىگەن ئەزرائىل ھەقىقى ئادەمنى پەرىقلەندۈرۈشنىڭ بىر ياخشى چارىسنى ئويلاپ چىقىپتۇ ،
ئەزرائىل ئوپمۇ ئوخشاش 13 ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا ،
ئەپەندىم سىز ھەقىقەتەن تالانىت ئېگسى ئىكەنسىز بۇلارنى كەم كۈتسىز كىلونلاپ چىقىپسىز تولمۇ ئەپسۇس يەنلا بۇ ئەسەرلىرڭىزدە كىچىككىنە نوقسان بارلىقىنى بايقىۋالدىم …دەپتۇ ئەزرائىلنىڭ گىپى تۈگمەي تۇرۇپلا ھېلقى ئادەم چىچاڭشىپ تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا بۇ مۇمكىن ئەمەس تېخنىكام كامالەتكە يەتكەن نەدە نوقسان بارئىكەن دەپتۇ ئەزرائىل ئالىمنىڭ يۈرىكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ …
دەل مۇشۇ يەردە
دەپتۇ دە كۆرەڭلىگەن ھالدا ئۇنى ئېلىپ كىتىپتۇ ……
ئادملەر بىر ئېغىز تەنقىد ياكى ماختاش سۆزى تۈپەيلىدىن ھەمىشە ئۆز ئاجىزلىقنى چاندۇرۇپ قويدۇ
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N