7ھىكىمەت
2016-01-12 02:35:02 -0500
1. قەدىرلەشنى بىلمىسىڭىز، ئالتۇن تاغقا ئېرىشسىڭىزمۇ خوشال بولالمايسىز؛
2. ئەپۇچانلىقنى بىلمىسىڭىز، قانچە كۆپ دوستىڭىز بولغان بىلەنمۇ ھامان سىزدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ؛
3. مىننەتدارلىقنى بىلمىسىڭىز، ھەر قانچە مۇنەۋۋەر بولغىنىڭ بىلەنمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز ناتايىن؛
4. ھەركىتىڭىز بولمىسا، ھەر قانچە ئەقىللىق بولغىنىڭىز بىلەنمۇ ئارزۇيىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ناتايىن؛
5. ھەمكارلىقنى بىلمىسىڭىز، ھەر قانچە تىرىشسىڭىزمۇ، مەقسەتكە يىتەلىشىڭىز ناتايىن؛
6. جۇغلاشنى بىلمىسىڭىز، ھەر قانچە كۆپ پۇل تاپسىڭىزمۇ، باي بولالىشىڭىز ناتايىن؛
7. قانائەتلىنىشنى بىلمىسىڭىز، ھەرقانچە باي بولسىڭىزمۇ بەختلىك بولالىشىڭىزمۇ ناتايىن؛
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N