تەسىرلىك ھىكايە

2016-05-21 06:38:45 -0400
تەسىرلىك ھىكايە..

بىر قىز بازارغا بېرىپ ئۈيىگە كىتىپ بارغاندا بىر نەچچە ئۇغۇللارنىڭ كەينىگە كىرىۋالغانلىقىنى ھىس قىلدى.ئۇنىڭ يېنىدا تىلفۇنمۇ يوق ئىدى ئۇ قورقۇشقا باشلىدى.ئۇ ئويلىغاندەك ھېلىقى ئۇغۇللار ئۇ قىزغا نىيىتىنى بۇزماقچى بولدى.
قىز ۋارقىراشقا باشلىدى قۇتۇلدۇرۇڭلار..
دەل شۇ پەيىتتە ھېلىقى ئۇغۇللارنىڭ بىر دوستى ئۇلارنىڭ يامان ئىش قىمماقچى بۇلىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئۇلارغا...
قۇلۇڭنى تارتىش چوپ چوڭلا 4 ئەر تۇرۇپ بىر قىزنىڭ نۇمۇسىغا تىگىشنى قانداق ئويلاشتىڭ ۋۇ لۈكچەكلەر دەپ يۈگۈرۈپ بارغانچە بىر قىزنىڭ ئىپپەت نۇمۇسى ئۈچۈن ياق بىر قىزنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوسلىرىنى ئەدەپلەپ قۇيۇشقا يۈگۈردى..
قىز ئامان ئىسەن قېچىپ چىقىۋالدى..
ئەمما ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولغان مەرىت ئۇغۇل مۇش تىپىكلەرنىڭ قېتىدا قالغان ئىدى..
قىزنىڭ كۈزىدىن ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشۈشكە باشلىدى.
ئۇلار 4 ئەمما ئۇ يىگىت پەقەتلا بىر ئۇ قانداقمۇ ئۇلارغا تەڭ كىلەلىسۇن..ئۇ نامەرىتلەر رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆز دوستىغا بىر نەچچە پىچاق ئۇردى..ئۇلارمۇ قورقۇپ قېچىشقا باشلىدى چۈنكى ھەممە يەر قانغا بۇيالغان ئىدى..قىز ياق دەپ ۋارقىرىغىنىچە يولدا يىقىلغان يىگىتنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى..ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي تىڭىرقاپ قالدى.ئۇ ئاخىرى يىگىتنىڭ تىلفۇنىنى ئېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا تىلفۇن قىلماقچى بولدى.دوختۇرلار جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن ئۇرۇش بولغان يەرگە قاراپ يولغا چىقتى.قىز ئۇ يىگىتنى ئاستا قۇچىقىغا ئېلىپ چۇقۇم بەرداشلىق بىرىڭ دەپ قاتتىق ئاچچىق يىغلاشقا باشلىدى.ئۇ يىگىتنىڭ يۈرىكىدىن قان چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدى.بىر نەچچە پىچاقنىڭ نەگە ئۇرۇلغىنى تېخى نامەلۇم..ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىلىندى..دوختۇرلار تىزلا ئوپراتسىيەگە تۇتۇش قىلدى..4يېرىم سائەتتىن كىيىن ئۇ ئوپراتسىيەدىن ئېچىقىلدى.لىكىن دوختۇرلار تېخى يۈز بىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر قانچە ئىھتىماللىقنى ئېيتىپ قىزنى قورقۇتۇپ قويدى.ئۇ يىگىتنىڭ يېنىغا كىردى دە ئۇنى باغرىغا بېسىپ يىغلاشقا باشلىدى.ئۇ پەقەت يىگىتنىڭ كۈزىدىن تامچىلاپ قالغان بىر تامچە ياشنىلا ئېيىتتى.
ئۇ ئاغراۋاتقان يۈرىكىنى ئۇنتۇپ مۇنداق خەت يېزىشقا باشلىدى..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەندىن ئەنسىرمەڭ مەن تىزلا ساقىيىپ كىتىمەن ..سىزگە يامان نىيەتتە بولغانلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ دوسلۇرۇم ئۇلار ئەزەلدىن شۇنداق قارا نىيەتلەر بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغاچقا ئۇلاردىن ئايرىلاممىدىم لىكىن مىنىڭ مەيدانىم ئۇچۇق ئۇلار بىلەن كۆپ ھاللاردا باردى كەلدى قىممايمەن ..بەلكىم بۇ خەتلەرنى ئۇقۇغان چېغىڭىزدا مەن بۇ دۇنيادىن ئاللىقاچان كىتىشىم مۇمكىن..مەن بىر قىزنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنىڭ بىر ئۇغۇلنىڭ ھاياتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن ..ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ سىڭلىممۇ ئاشۇنداق قارا نىيەتلەرنىڭ قۇلىدا خارلىنىپ ئۆز ھاياتىنى ئۈزى ئاخىرلاشتۇرغان مەن ئۈلۈپ كەتسەممۇ مەيلى سىز ئامان قالسىڭىزلا شۇ كۇپايە ماڭا.
خەيىر ...
قىز پۇل تۈلەپ بۇلۇپلا يىگىتنىڭ قېشىغا كىردى ئەمما ئۇ يىگىتنىڭ ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانلىقىنى بىلمەيىتتى.
ئۇ ھېلىقى خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدى ئۇ خەتنى ئۇقۇپلا قاتتىق يىغلاپ يىگىتنى باغرىغا باستى..يىغلىدى
بىردەمدىن كىيىن بىر دوختۇر كىرىپ ئۇ يىگىتنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇ قىزغا دىدى..
ئۇ قاتتىق يىغلاپ ئولتۇرۇپلا قالدى يىگىت خەتنىڭ ھەممىنى بىلىكىدىن ئېقىپ تۇرغان قان بىلەن يازغان ئىدى...

«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N