بىر،ئانىنىڭ تۆت ئېغىز سۇزى،يۇرەكنى ئەزدى

2016-05-03 23:17:28 -0400
بىر ئانىنىڭ تۆت ئېغىز سۆزى يۈرەكنى ئەزدى..چۇقۇم تارقىتىڭ


بالام ، مەن قېرىغاندا مېنى تاشلىۋەتمە . ئۇ چاغدا مەن خۇددى سېنىڭ كىچىك ۋاقتىڭدىكىدەك ئاسىراشقا مۇھتاج بولىمەن.

مەن قېرىغاندا دائىم قولۇم تىترەپ خۇددى سېنىڭ كىچىك ۋاقتىڭدىكىدەك تاماقنى كىيمىمگە تۆكىۋېتىشىم مۇمكىن ، ئۇ چاغدا كۆپرەك سەۋرىچان بولغىن .

مەن قېرىغاندا بەزىدە سىرتقا چىقىپ ئاپتاپ كۆرگۈم كەپ قالىدۇ ، خۇددى سېنى كىچىڭ ۋاقتىڭدا بالىلار ھارۋىسىغا سېلىپ سىرتقا ئەپ چىققاندەك مېنىمۇ سىرتقا ئەپ چىقىپ ئايلاندۇرساڭ دەيمەن.

مەن قېرىغاندا قىلغان ئىشىمنى دىگەن گېپىمنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ، تاينى يوق ئىشلار ئۈچۈن بېشىڭنى ئاغىرتىدىغان بوپ قالىمەن ،بۇ چاغدا سەن مەن نېمە دېسەم ھە دەپ قويۇپ كۆپرەك سەۋرىچان بولغىن.

مەن قېرىغاندا تولا گەپ قىلىدىغان بوپ قېلىشىم مۇمكىن ، بۇ چاغدا گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىۋەتمەي يالغاندىن بولسىمۇ گېپىمنى ئاڭلىغان بوپ ئولتۇرۇپ بەرسەڭ بولدى.

مەن قېرىغاندا بەلكىم يەنە خۇددى كىچىك بالىغا تەربىيە قىلغاندەك ساڭا تەربىيە قىلىشىم مۇمكىن بۇ چاغدا مەيلى مېنىڭ توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسا ماقۇل دەپ قويساڭلا بولدى.

بالام ، مەن قېرىپ ئۇ ئالەمگە كەتكەندە ، ساڭا تولا كوتۇلدىيالمايدىغان ، كۆزۈمنى مەڭگۈ ئاچالمايدىغان بولغاندا سەن خاتىرجەم بولغان مەيلى نىمىلا قىلغان بولما مەن ئۇ ئالەمدە سەن ئۈچۈن سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ بەختى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن.

قېرىلارنىڭ بىر ئۆمۈرى مانا مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ ، بىز پەرزەنت بولغۇچىلار خۇددى ئۇلار بىزنىڭ كىچىك ۋاقتىمىزدا قىلغان خاتالىقلىرىمىزغا سەرۋ قىلغاندەك سەۋرىچان بولىشىمىز كېرەك ، چۈنكى بىزمۇ قېرىغاندا باللىرىمىزنىڭ بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N