يىغلاپ تۇرۇپ ئاڭلايسىز
2016-01-20 05:36:53 -0500
يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇيسىز !!!
دادا دۇنيادىكى ئەڭ سۈرلۈك كىشى ، ھەم شۇنداقلا ئەڭ غېرىب كىشىدۇر. دادا مۇھەببىتىنىڭ سالمىقىنى سىز ھېس قىلالىدىڭىزمۇ ؟ ئەگەر سىزدادىڭىزنى سۆيسىڭىز ، ئەگەر سىز دادىڭىزنى سېغىنسىڭىز ، ئەگەر سىز دادا مۇھەببىتىگە تەشنا بولسىڭىز ، ئۇنداقتا داۋاملىق ئوقۇڭ ...
1. دۇنيادا چۈشەنمەك ئەڭ قىيىن كىشى دەل دادىڭىز بولىدۇ ، ئۇ بىر چەتتىن سىزنى تىجەشچان ، ئىقتىسادچان بولۇشنى ئۆگەتسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوغۇرلۇقچە يانچۇقىڭىزغا پارچە - پۇرات پۇللارنى تىقىپ قويىدۇ.
2. سىزنىڭ خاتا قىلغانلىقىڭىزنى ئەيىبلەيدۇ - يۇ ،باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشىڭىزگە قاراپ تۇرالمايدۇ .
3. ئۇ ئەزەلدىن سىزنى قالتىس ياراملىق دەپ ماختىمايدۇ ، ئەمما كۆڭلىدىكى پەخىرلىنىش تۇيغۇسى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.
4. ئۇ سىزنىڭ بالدۇر مۇھەببەت باغلىشىڭىزغا ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ ، ئەمما كۆڭلىدە سىزنىڭ كەلگۈسى بەختلىك ئائىلىڭىز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
5. بۇ دۇنيادا سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ، ئەمما ئەڭ ئىپادىلىيەلمەيدىغان ئادەم دەل دادىڭىز .
6. كىم سىزگە چىن كۆڭلىدىن ئات بولۇپ بېرىشنى خالايدۇ ؟ كىم سىز ئۈچۈن قالقان بولۇشنى خالايدۇ ؟ كىم سىز ئۈچۈن سىرتلاردا چېپىپ يۈرۈشنى خالايدۇ؟
7. بۇ دۇنيادا بېسىمى ئەڭ ئېغىر كىشى دەل دادىڭىز ، كەسكىن ، رەھىمسىزرىقابەتلەر ئىچىدە مۈرىسىدىكى يۈكنى مۈدۈرمەي كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان يەنىلا دادىڭىز.
8. بۇ دۇنيادا ئەڭ غېرىپ كىشى يەنىلا دادىڭىز!
9.ئەتراپىڭىزدىكىلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ بوران چاپقۇننى باشتىن ئۆتكۈزىدىغان، ئەمما ئەڭ ئاز نەرسىگە ئېرىشىدىغان كىشى يەنىلا دادىڭىز.
10. دادا، كېيىنكى كۈنلىرىمدا ، خۇددى كىچىكىمدا بۇدرۇققىنە قوللىرىمنى يىتىلەپ ماڭغىنىڭغا ئوخشاش ، مەنمۇ سېنى يىتىلەپ ، ساڭا ھەمراھ بولۇپ ماڭسام،توختىسام .... دەيمەن !
دۇنيادىكى دادىسى ھايات ۋە دادىسىز بارلىق قەدىردانلىرىمغا سوۋغا قىلىمەن ! دادىمىز بارلار ئۇلارنىڭ قەدرىنى قىلايلى ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە كۆپرەك ھەمراھبولۇۋالايلى ، گىپىنى ئاڭلىۋالايلى ! مەيلى ئۇسىزگە كايىسۇن ، مەيلى بىرەر ئېغىز سۇئالنى قايتا - قايتا تەكرارلاۋەرسۇن.... سىز ھەرگىزمۇ بىزارلىق ھېس قىلماڭ ، چۈنكى ئۇلار كەتسە، سىز كايىشىنى ئەمەس ، ئاۋازىنى ئاڭلىۋالاي دەپمۇ ئاڭلىيالمايسىز... يۈرىكىڭىز قېتىدىن ئۇرغۇۋاتقان سېغىنىشلىرىڭىزنى بىلدۈرەي دەپمۇ ئامالىڭىز يوق... كەتتى – تۈگدى بارلىق ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن .
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N