ئىككى قۇشقاچ

2016-01-20 05:25:07 -0500
بىركۈنى ئىككى قۇشقاچ تەڭ دەرەخ ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قاپتۇ قىز قۇشقاچ ئوغۇل قۇشقاچتىن سوراپتۇ :سىنىڭ ئەتراپىڭدا شۇنداق كۆپ قۇشقاچلار پەرۋانە بولۇپ يۈرسە نىمىشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاي دەپ مۇئامىلە قىلسەنيۇ ئەمما ئارىسدىن بىرنى تاللىمايسەن دەپ سوراپتۇ ,ئوغۇل قۇشقاچ جاۋابەن :بەزى نەرسىلەرنى كۆرۈپ قويۇشقا بولىدۇ ئەمما ئىلىشقا بولمايدۇ چۈنكى ئۇ سەن ئارزۇ قىلغان نەرسە ئەمەس ,مىنىڭ ئۇلارنى تاللىماسلىقىممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش, سىنى ئەزىزلەپ كۆككە كۆتۈرگەنلەر يەنە بىر چاغلاردا سىنى خار ھالەتتە يەرگە زەردە بىلەن تاشلىۋىتەلەيدۇ دەپتۇ ,بۇنى ئاڭلىغان قىز قۇشقاچ كۈلۈمسىرەپ ئۇچۇپ كىتىپتۇ ,ئوغۇل قۇشقاچ ئىچىدە پىچىرلاپ تۇرۇپ ::قەلبىمدە بىرلا ئورۇن بار ئۇنى مەن ساڭا بەرگەن تۇرسام قانداقمۇ يەنە باشقا قۇشقاچ كىرەلىسۇن بىرى باسقان ئورۇننى مىڭلارچە قۇشقاچ كەلسىمۇ باسالمايدۇ چۈنكى ئۇلار سەن باسقان شۇ ئەگرى مۈشكۈل يوللاردىن سەن ئاشقان داۋانلاردىن ئىشىپ باقمىدى ,سەن تارتقان ئازاپلارنى تارتىپ باقمىدى سىنىڭ مېھرىڭ باشقىچە دەپتۇ, شۇپەيتتە قىز قۇشقاچمۇ ئىچىدە:سىنىڭ بەرگەن جاۋابىڭ سىنى خاتا تاللىمىغانلىقىمنى ئۆزۈمنىڭ بۇ قەدەمنى خاتا باسمىغانلىقىمنق ئىسپاتلىدى دىگىنىچە كۆل بويىغا قاراپ ئۇچۇپتۇ…… قەلىب قەلىبنى چۈشەنسە تىلغا نەھاجەت !
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N