بەك تەسىرلىك ھىكايە

2016-01-20 05:03:40 -0500
بەك تەسىرلىك ھىكايە (يىغلاپ كەتتىم)   
ئۆيگە كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى ئالاي دەپ ،دۇككانلارنى ئارىلاۋاتقىنىمدا بىر دۇككاننىڭ ئالدىدا تۇرغان5-6 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا بىلەن پىركازچىكنىڭ پارىڭىغا قۇلىقىم كىرىپ قالدى. -ناھايىتى ئەپسۇس،پۇلۇڭ بەك ئازكەن ،بۇ قونچاقنى ساڭا سېتىپ بېرەلمەيمەن. -راستىنلا يەتمەمدىكەن ھەدە؟ بالا شۇ گەپنى دەپ بولۇپلا ئۇ دۇككاندا مال كۆرگەچ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىۋاتقان ماڭا قاراپ :«ھەدە ، سىز ساناپ بېقىڭچۇ ، راست كەملەمدىكەن پۇلۇم؟» دېدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىكى پۇلغا قاراپ ئامال يوق دېگەن مەنىدە مۈرەمنى قىسىپ قويدۇم. بالا يىغلىغىنىچە قونچاقنى قۇچاقلاپ تۇرىۋالدى ،مەن بۇ چاغدا ئالىدىغان نەرسىلىرىمنى ئېلىپ پۇل تۆلەش ئۈچۈن پۇكەيگە كەلگەنىدىم شۇ ئارىلىقتا بالىغا دېدىم: -ئوغلۇم،ئوغۇل بالىمۇ قونچاق ئوينامدۇ، پۇلۇڭ يەتمىگەندىن ئالما بولدى،يىغلىما… -سىڭلىم بۇ قونچاقنى بەكلا ياختۇرغانىدى،ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىشقا ۋەدە بەرگەنىدىم،ئەمدى بۇ قونچاقنى ئانامغا بېرىمەن، ئانام ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بېرىپ قويىدۇ… بالا تېخىمۇ ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە گېپىنى داۋاملاشتۇردى: -سىڭلىم ئاللاھنىڭ يېنىغا كەتتى ،ئۇزاق قالماي ئاناممۇ ئاللاھنىڭ يېنىغا كېتىدۇ،ئانامنىڭ كېتىشىنى خالىمايمەن،ئەمما دادام،سىڭلىڭ كىچىك ئاناڭ سىڭلىڭغا قارىمىسا بولمايدۇ دېگەنىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كېتىشىگە رازى بولۇشقا مەجبۇر بولدۇم بالىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بۇرۇنلىرىم ئېچىشىپ ،كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. -ئانامغا مەن قونچاقنى ئېلىپ كەلمىگۈچە كەتمەي تۇرىشىنى دەپ قويغانىدىم بالا شۇ گەپنى دەپ بولۇپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى،ئۇنى باغرىمغا باستىم،ئۇنىڭ مەيدە يانچۇقىدىن بىر دانە سۈرەت چىقىپ قالغانىدى،قارىسام سۈرەتتە قۇچىقىمدىكى بۇ بالا كۈلۈپ تۇرغانىكەن،ئۇنىڭغا ئاستاغىنە: -ئوغلۇم،يىغلىمىغىن،قارا بۇ سۈرىتىڭدىكى ھالىتىڭدەك كۈلۈپ تۇرساڭ،تېخىمۇ ئوماق بولۇپ كېتىدىكەنسەن،ئوغۇلبالا دېگەن يىغلامدۇ بولدى يىغلىما -دېدىم. -بۇ رەسىمنىمۇ سىڭلىمغا ئەۋەتىش ئۈچۈن چۈشكەن ، ئۇ مېنىڭ چىرايىمنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن ،رەسىمنىمۇ ئاپامدىن ئەۋەتىمەن -دېدى. بالا قۇچىقىمدىن يۇلقىنىپ چىقىپ بۇدرۇققىنە قوللىرى بىلەن ياشلىرىنى سۈرتتى ۋە قولىدىكى قونچاققا غەمكىنلىك بىلەن قاراشقا باشلىدى. -ئوغلۇم،بەلكىم بايا پۇلۇڭنى خاتا ساناپ قالغانسىلەر،ئەكىلە يەنە بىر قېتىم ساناپ باقايلى دېدىم،بالا پۇرلانغان پارچە-پۇرات پۇللارنى قولۇمغا تۇتقۇزدى،مەن سەزدۈرمەستىن ئۇ پۇللار ئارىسىغا پۇل قوشۇپ قويدۇم،پۇل قونچاققا يېتىپ ئېشىپ قالدى،بالا قونچاقنى قويۇپ قوللىرىنى ئېچىپ ئاسمانغا قاراپ:«رەھمەت سىزگە ئەي ،دادام دۇنيا بەك شەپقەتلىكتۇر دېگەنىدى،راستىنلا بەك ياخشىكەنسىز،ماڭا پۇل بەرگىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت» دېدى.
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N