ئاجايىپ ئىسىل يېزىلىپتۇ
2016-01-20 04:59:00 -0500
ئاجايىپ ئېسىل يىزىلىپتۇ
1.كۈتۈشۈڭگە لايىق ئادەم بولسىلا ساقلاش گۈزەلدۇر.
2.باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر مەزگىل باش چۆكۈرۈش كېرەك.
3.قۇياش نۇرى ئەخلەتخانىلارغىمۇ چۈشۈپ تۇرىدۇ. لېكىن, ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بۇلغىنىپ كەتمەيدۇ .
4.ئىت بىلەن ئېلىشىپ 《ئىت》بولما ،ئەگەر ئېلىشساڭ يولۋاس بىلەن ئېلىش, يا سۇنسۇن بىلەك ، يا چوڭايسۇن يۈرەك.
5.شامال قاياققا كۈچلۈك چىقسا شۇياقتا يۈرگەننى ئەخلەت دەيمىز.
6.كۆڭۈل نە چاي ئىستەر نە بىر چايخانە،
كۆڭۈل كۆڭۈل ئىستەر چاي بىر باھانە.
7.ئىنسانلار گۈللەر ئارىسىدا تىكەنلەرنىڭ بولغانلىقىدىن شىكايەت قىلغۇچە، تىكەنلەرنىڭ ئارىسىدا گۈللەرنىڭ يارىتىلغانلىقىغا شۈكۈر قىلىشى لازىم.
8.كىشى ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسا، كىملەرنى سۆيگەنلىكىگە قارىسۇن.
9.قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى، پايدىلىق ئىشلارنى ئەتىگە قويما. ئەتە بولىشى، لېكىن سەن ئەتىگە چىقالماي قېلىشىڭ مۇمكىن.
10.كېمە قىرغاقتا ئەڭ بىخەتەردۇر، ئەمما كېمنىڭ ۋەزىپىسى ئۇ ئەمەس.
11.ھەق سۆزنى قىلىشقا قادىر بولالمىساڭ،ناھەق سۆزگە بولسىمۇ چاۋاك چالما!
12.كىمنى دوراپ ياشىغان بولسىڭىز، ئاقىۋىتىڭىز شۇنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ. ھېچكىم نەمۇرۇتتەك ياشاپ، ئىبراھىمدەك نەتىجىگە ئېرىشىشنى خىيال قىلمىسۇن!
13.بۇلغانغان مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرغان كىشىنىڭ ،ساپ ھاۋادا بېشى قايىدۇ.
14.كۈن كۆرەي دىسەڭ كۈندىن بۇرۇن قوپ!!!!
15.شام ئۆزىدىن باشقا شامنى تۇتاشتۇرۇش بىلەن ئۆزىدىن بىر نەرسىنى يوقاتمايدۇ خەيرىلىك سەھەر , بۈگۈن گۈزەل بىر كۈن بولغۇسى
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N