ھىكىمەت

2016-01-12 11:37:23 -0500

سەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان بىرىنى ئۇچۇرتىشىڭ ئاسان، لېكىن سىنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭنى ھىس قىلىدىغان ۋە چۈشۈنىدىغان ،تاماسىز ساڭا كۈڭۈل بۈلدىغان بىرىنى ئۇچۇرتىشىڭ قىيىندۇر................. بۇ ھاياتتا ساڭا بەزىلەر ھەۋەس قىلىدۇ، بەزىلەر ھەسەت قىلىدۇ، بەزىلەر كۆزگە ئىلمايدۇ· كېرەك يوق، سەن يەنىلا سەن بولۇپ ياشاۋەرگىن。بۇ ھاياتتا ھەممە ئادەمنى رازى قىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، سىنىڭ ھەممە ئادەمنى رازى قىلىش بۇرچىڭىمۇ يوق، باشقىلارغا ياخشىچاق بولىمەن دەپ ئۆزەڭنىڭ تەبىئىتىدىن ۋاز كەچمە، چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئادەم بولۇش پرىنسىپى بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىكى سەن ھەرگىزمۇ ھەقىقىي يوسۇندىكى سەن ئەمەس,ھەممە ئادەمدە كۆز بار ئەمما قاراش ئوخشىمايدۇ؛ ھەممە ئادەمدە قۇلاق بار ئەمما ئاڭلىشى ئوخشىمايدۇ؛ ھەممە ئادەمدە ئېغىز بار ئەمما سۆزلەيدىغىنى ئوخشىمايدۇ، ھەممە ئادەمدە قەلب بار ئەمما ئويلايدىغىنى ئوخشىمايدۇ؛ ھەممە ئادەمدە پۇل بار ئەمما خەجلىشى ئوخشىمايدۇ، ھەممىسى ئوخشاش ئادەم ئەمما ياشىشى ئوخشىمايدۇ.

«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N