مىھرى شەپقەت مەرۋايىت

2016-01-12 11:16:41 -0500
مېھرى-شەپقەت
مەرۋايىت

مېھىردىن ھارارەت ئالسا بۇ جاھان،
ياشىساق ساخاۋەت ئىلكىدە ئامان،
زىيالار ياغدۇرساق سۆيگۈدىن ھامان،
دىللاردىن-دىللارغا يول ئالساق تامان،
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟

بىخلانسا قەلىبتە سۆيگۈ ئۇرۇقى،
سۇغارسا كۆيۈنۈپ مېھىر بۇلىقى،
تارىسا دۇنياغا سۆيگۈ خۇلىقى،
ھەر جايدا تۈز بۇلسا دىلنىڭ تۇرىقى،
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟

يىغلىسا يېشىنى سۈرتسە سۆيۈملۈك،
غەملەردە باشىنى سىلاپ كۆيۈملۈك،
ئاھ ئۇرسا يولىغا يانداشسا ئۆملۈك،
شۇنىڭدا بولمامدۇ دۇنيا سۆيۈملۈك؟
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟

تەشناغا سۇ بەرمەك قانچىلىك ساۋاپ؟
كەتمىسەك توغرىدىن قەدەمنى ئاياپ،
قول سۇنساق، مۇھتاجغا تۇرمىساق قاراپ،
يۈرسەكلا داۋاملىق ساخاۋەت ئاتاپ،
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟

گەر سۆيگۈ ئۇچىرسا ئازارغا ناھەق،
يىغلايدۇ قوشۇلۇپ دۇنيامۇ بەرھەق،
رەنجىيدۇ ھەتتاكى ياراتقان «رەب» ھەق!
يا سۆيگۈ ئىگىسى بولامدۇ ئەخمەق؟
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟

مېھرى-شەپقەتتىن كۈلسە ھەر كۆڭۈل،
ئىچىلسادىلىدا دوستلۇقتىن مىڭ گۈل،
ساختىپەز نىشان بولسا كۆيۈپ كۈل،
دىللاردىن-دىللارغا بولسا يول ئۇدۇل،
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟

غەملەردە قالمىسا ناتىۋان قەلبى،
شەبنەمنى كۆرمىسە يىتىم كۆزلىرى،
ئىگىسىز قالمىسا مىسكىن تىلىكى،
ھەر دائىم كەڭ بولسا سېخى ئىتىكى،
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟

كۆڭۈللەر توق بولسا مېھرى-شەپقەتتىن،
تارتمىسا بىھۇدە ئازاب قىسمىتىن،
سۆيگۈسى ئۇرغۇسا يۈرەك قېتىدىن،
بىسىلسا ھەر قەدەم قەلىب بېتىدىن،
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟

يىتىم يىغلىسا دۇنيا يىغلايدۇ،
مىسكىن زارلىسا دۇنيا زارلايدۇ،
ناتىۋان ئاھ ئۇرسا دۇنيا غەم يەيدۇ،
غىرىپ كۈلمىسە دۇنيا ھۇۋلايدۇ!
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟

چىڭ تۇتسا مېھىردە سۇنۇلغان قولنى،
ھەم سۆيسە مېھرىدە سۆيۈلگەن دىلنى،
بىر قىلسا قەلىبتە ئوخشاش ھەم تىلنى،
تۈز قىلسا ھەر دائىم ئۆزگە نىيەتنى،
مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N