پىراۋا ئېلىش
2016-01-12 11:02:47 -0500
بىر كۈنى قاتناش ساقچىللىرى شەھەردىكى بىر يولدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپتۇ. شۇ چاغدا بىرەيلەن ماشىنىنى ھەيدەپ بۇ يەردىن ئۆتىۋاتسا، بىر قاتناش ساقچىسى ئۇ ماشىنىنى تۇسۇپ: مۇبارەك بولسۇن ئەپەندىم! سىز مۇكاپاتلاندىڭىز، سىز بۈگۈن بۇ يول ئىغىزىدىن مىڭىنجى قىتىم ئۆتكەن تەلەيلىك شوپۇر بولدىڭىز دەپتۇ ۋە ئون مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ. ئاندىن: سىز بۇ پۇللارنى نىمگە ئىشلەتمەكچى؟ دەپ سۇراپتىكەن، ئۇ ئادەم: مەن بۇ پۇلغا پىراۋا ئالايمىكى دىيشىگە، ياندا ئولتۇرغان ئايالى جىددىيلىشىپ: ساقچى ئەپەندىم ئىرىمنىڭ گىپىگە قۇلاق سالماڭ، ئۇ بۈگۈن سەل جىق ئىچۋالغانتى دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ساقچى: ئۇ ئادەمنى بىلىكىدىن تارتىپ تۇرۇپ، پىراۋاڭ يوقمىتى؟ تىخى ھاراق ئىچتىڭ دىگىنە؟ چۈشە ماشىندىن دەپ تارتىۋاتسا، ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان قۇلىقى ئېغىرراق ئاپسى: ئوبدان ساقچى بالام ئۇنداق قىلماڭ، بىر قىتىم رەھىم قىلىڭ، ئوغلۇم بۇندىن كىيىن ماشىنا ئوغۇرلىمايدۇ دىگۈدەك。。。😂 😂 😂
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N