ياخشىلىق ئىزلە
2016-01-12 10:34:26 -0500
ياخشىلىق ئىزلە
سەھەر تۇرۇپ باشلا ئىشىڭنى،
قەدەم ئالغىن ئېچىپ كۆزۈڭنى،
ئەمدى بولسىمۇتاشلايامان ئىشىڭنى،
ياخشىلىق ئىزلە ئېچىپ كۆزۈڭنى،
ياخشىلىق ئىزلە بۇزماي ئۈزۈڭنى،
گەر<<ياخشى>>بولمىساڭ يۇيغىن يۈزۈڭنى،
تۇر ئورنۇڭدىن كەيگىن تونۇڭنى،
ياخشىلىق ئىزلە ئېچىپ كۆزۈڭنى،
ھاياتتا كېرەكتۇر تۇتماق ئۆزۈڭنى ،
ياخشىلىق ئىزلەپ قىلماق سۆزۈڭنى،
ياخشى بولۇپ قىلغان ئىشىڭنى،
ياخشىلىق ئىزلە ئېچىپ كۆزۈڭنى،
ياخشىلىق بېغىدىن تاپقىن ئۆزۈڭنى،
ئويلىما ھەر چاغ سىرتتا ئۆزۈڭنى،
يۈرەگىڭ باشلىغان تۇتۇپ قولۇڭنى،
ياخشىلىق ئىزلە ھەردەم ئېچىپ كۆزۈڭنى،
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N