كىتاپسىز كىشىنىڭ كەلگۇسى كۇلپەتلىك
2016-01-12 02:31:36 -0500
كىتاپسىز كىشىنىڭ كەلگۈسى كۈلپەتلىك
(«ك»ھەرپىى بىلەن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى)
كىتاب - كائىناتنىڭ كۆزنىكى ، كۆز كۆزنىكىنىڭ كۆرىكى، كىتاپنى كۈندە كۆرسىڭىز ، كۆڭلىڭىز كائىناتتەك كېڭىيىپ، كامال كۆكىگە كۆتۈرلۈپ ، كىلەچىكىڭىز كىتاپتىن كىلىۋاتقاندەك كۆرنۈپ ، كەلگۈسىنى كېرلىپ كۈتۈۋالالايسىز ، كىتاپ كۆرگەن كىشىنىڭ كۈنلىرى كۆڭۈللۈك ، كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنىدۇ ، كىتاپ كۆرگەنلەر كىتاپنى كونا كەپىدە كۆرسىمۇ ، كەڭ كائىناتتىكى كۆركەم كەشپىياتلارنى ، كانادا ، كورىيە ، كامبودژا ، كولۇمبىيە ، كەشمىر ، كابۇل ، كۇچا ، كوناشەھەر ، كېريە ، كورلا ، كەلپىننى ، كۈندە كۆرگەندەك كۈلمسىرەپ ، كۆڭۈل كۆزىگە كەلتۈرەلەيدۇ ، كاتتا كىتاپنىڭ كارامەت كۈچى كەمتەرلەرنى كامالەتكە كەلتۈرۈپ ، كائىناتنى كەزدۈرەلەيدۇ .
كىتاپسىز كىشىنىڭ كۆزى كور ، كەلگۈسى كۈلپەتلىك ، كۆڭۈل كۆزى كۈل ، كۆرۈمسىز ، كىشىلەرنىڭ كەينىدىن كوتۇلداپ ، كۆڭۈلسىز كەچمىشنى كاللىسىغا كەلتۈرۈپ ، كۆپتىن-كۆپ كىشىلەرنى كاللىسىدىن كەتكۈزۈژىتەلەيدۇ ، كىم كىتاپ كۆرمەيدىكەن ، كوچىسىغا كەلكۈن كەلسىمۇ كەتمەن كۆتۈرمەيدۇ ، كۆڭۈل كۆزى كىتاپسىز كاپالەتلەنمەيدۇ ، كائىنات كىتاپسىز كەڭەيمەيدۇ ، كىتاپ كۆرمەي كىلىۋاتقان كۈنلىرىڭىزگە قارىغىنىڭىزدا كاكىرۋاتقان كۈيسىز كەچمىشلىرىڭىز كۆڭۈل-كۆكسىڭىزگە كىرۋېلىپ ، كۆڭلىڭىزنى كاۋاپداندا كۆيدۈرۈپ ، كەيپىڭىزنى كۆرۈمسىزلەشتۈرۋېتىدۇ ، كىتاپ كۆرۈشنى كۆزلىسىڭىز كوچىلاردا كوتۇلداپ كۆنمەي ، كىتاپخانا ، كۇتۇپخانىلارغا كۈندە كىلىپ كىتاپ كۆرۈڭ .
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N