مۇھەببەتنى ئاناڭدىن باشلا

2016-01-11 01:11:12 -0500
. مۇھەببەتنى ئاناڭدىن باشلا
...
تەنھا قويما يەتتى قېرىلىق،
مېھرىڭ بىلەن مەھكەم باغاشلا.
مۇلايىم بول سۆزدە ھەم سىلىق،
مۇھەببەتنى ئاناڭدىن باشلا
...
قىز بولساڭمۇ يىگىت بولساڭمۇ،
قانچە ئىگىز شاخقا قونساڭمۇ،
تالايلاردىن ئۈستۈن تۇرساڭمۇ،
مۇھەببەتنى ئاناڭدىن باشلا.
...
قەدرىنى قىل ھايات ۋاقتىدا،
جەننەت ئۇنىڭ تاپان ئاستىدا،
قىلماق بولساڭ ئەگەر جان پىدا،
مۇھەببەتنى ئاناڭدىن باشلا.
...
كۆرۈنۈپ ھەم كۆيۈنۈپ تۇرغىن،
سۆيۈپ يەنە سۆيۈنۈپ تۇرغىن،
مەيلى كىم بول ۋاپادار بولغىن،
مۇھەببەتنى ئاناڭدىن باشلا.
...
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N